ئابدۇلھەمىد قاراخان: «بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە قايتىدىن ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.03.07
abdulxemit-qaraxan-leksiye ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى چانقىرى ۋىلايىتىدىكى قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 5-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىشى، ئارقىدىنلا تۈركىيەنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى، شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىن تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قايتىدىن تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى باشلىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چانقىرى ۋىلايىتىدىكى قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

«ھۆججەت ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش» تېمىسىدىكى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنغا قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دىنىي ئىلىملەر كەسپى پروفېسسورى ياۋۇز دەمىرەل، دارۇلھەدىس تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلسەلام ئارۋاس، تۈركىيە ياشلار فوندى چانقىرى تارمىقىنىڭ مۇدىرى باتۇخان دىنلەمەز ۋە ھەر قايسى فاكۇلتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 130 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تۈركىيە دارۇلھەدىس تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلسەلام ئارۋاس ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 5-مارت، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى تۈركىيە دارۇلھەدىس تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلسەلام ئارۋاس ئەپەندى بىلەن. 2024-يىلى 5-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

دوكلات بېرىش يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان دوكلات بېرىپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە تارقىتىلغان ھۆججەت ۋە بەزى ئىسپاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، «جازا لاگېرلىرى» ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا توختالغان.

ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىغىندا خىتاينىڭ تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردىم».

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دوكلات بېرىش يىغىنى جىددىي كەيپىياتتا بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتى. سوئال-جاۋابلىق سۆھبەت ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر بولدى، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يىغىن بولدى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئىزچىل كۆپەيتىشكە تىرىشىمىز.»

مەكتەپ تەرەپتىن بۇ يىغىننى تەشكىللىگەن قاراتېكىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇسەلام ئارۋاس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ھۆججەتلەر ۋە ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇررلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى، شۇنداقلا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى».

پروفېسسور ئابدۇسەلام ئارۋاس ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل پائالىيەتلەرنى جامائەت پىكرى توپلاش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايمەن. خەلق بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئەتراپلىق خەۋەردار بولسا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ، ھۆكۈمەتنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ».

ئىگىلىشىمىزچە، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى، ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، سىياسەتشۇناسلىق، دىنىي ئىلىملەر ۋە ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىقماقتا ۋە بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.