تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە ئادانا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.03.14
doktor-omer-qul.jpg ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2019-يىلى 12-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىقى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تۈركۈملەپ قامالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى تەتقىقات مەركەزلىرىدە دوكلات بېرىش، كۆرگەزمە ئېچىش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن مەزكۇر ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى 10-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىغا جايلاشقان ئادانا شەھىرىدە «تۈركىستان كۈنلىرى» ماۋزۇلۇق پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» تېمىسىدا دوكلات بېرىلگەن. ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى:

«شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ ئېغىر ۋەزىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە بۇ مەسىلىنى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئوخشاش بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە بىر ھەيئەت تەشكىللەپ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتۇق. تېلېۋىزىيە، رادىيو ۋە گېزىتلەر ئارقىلىق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇق.»

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە بىر-ئىككى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ قوياتتۇق، ئىزچىللىق يوق ئىدى. مەسىلىنى ئىزچىل ھالدا جامائەتنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرالمايتتۇق. شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى قۇرۇلدى، خىتاينىڭ بېسىمى كۈچەيگەنسېرى بىز بۇ مەسىلىگە جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش، سىياسەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ بۇ پائالىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرماقچىمىز.»

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇھىتتىن جانئۇيغۇر، باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت قۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئابدۇللا ئوغۇز، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، شەۋكەت قانات، مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ۋە سەما ئۇيغۇر بۇداقتىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت قۇردۇق. بىرىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئاڭلاتساق، يەنە بىرىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتۇق. تۈركىيەدىكى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى خىتاينى ئەيىبلىدى.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىمۇ تونۇشتۇرۇلماقتا. ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى بىر يىلدىن بۇيان ئىستانبۇل، ئادانا، كاستانمونۇ، ئەرزۇرۇم ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلەردە كۆپ قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە بەرگەن دوكلاتلىرىغا تۈرك جامائىتى قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان. تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.