تۈركىيە ئۈچۈن ۋەتەنداشلىرى مۇھىممۇ، ئاياسوفيامۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019.03.29
Lagerdiki-Turuk-Wedendishi-Uyghurlar-01.jpg لاگېردىكى تۈرۈك ۋەتەندىشى 6 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى.
RFA/Abduweli Ayup

بۈگۈن «بازفىد» تۈرك پۇقراسىدىن ئالتە كىشىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبىي بالا بولۇپ، ئۇلار دارىلئېتام دېيىلىدىغان بالىلار لاگېرىغا قاماقلىق. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇر ئېسىللىك پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغان. خىتايمۇ مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا پەرۋا قىلمىغان. مېنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شەخسلەردىن ئۇقۇشۇمچە، خىتايدا قامالغان تۈرك ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇر نەچچە ئوندىن ئاشىدۇ.

خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېسىللىك تۈرك ۋەتەنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا، تۈركلەر بىلەن تويلاشقان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە ئاياللارمۇ نەچچە ئون كىشىدىن ئاشىدۇ. ئەرلىرى خىتايدا تۇتۇلۇپ تۇلغا ئايلانغان ئانىلار، ئاياللىرى كوھىقاپقا يەم بولغاندەك بىر كەتكەنچە غايىب بولغان ئەرلەر، تىرىك يېتىم بولغان بالىلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، چاپا قاتارلىق مەھەللىلىرىدە ئىزتىراپتا ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ. ئۇلارغا يا ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىلتىپات كەلمەيدۇ، يا دەردىنى ئاڭلايدىغان چوڭراق تاراتقۇلاردىن مۇخبىرلار كەلمەيدۇ.

تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى تۈركىيەدە قايناق بىر كەيپىيات ياراتمىغان بىلەن ئاياسوفيا ئاجايىپ بىر قىزغىنلىق ياراتتى. نەچچە ئونلىغان تۈرك پۇقرالىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ۋەتىنىگە قايتالماسلىقى دىققەت تارتمىغان بىلەن ئاياسوفيانىڭ جامەگە قايتىشى ئاخباراتقا جان كىرگۈزۈۋەتتى. چوڭ مەتبۇئاتلار بۇلارنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى. تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئاياسوفيانىڭ بۇندىن كېيىن مۇزېي ئەمەس بۇرۇنقىدەك جامە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا يەنە بىر رەت قەھرىمان بولدى. بولۇپمۇ رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىما قىلىشى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى غۇرۇرلاندۇردى. مۇسۇلمان دۇنياسىدا بۇ ئاجايىپ بىر جاسارەت سانالدى. ماڭا غەلىتە بىلىنگىنى پەلەستىندىكى يېرۇسالېمغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىن خىتايغا بىر بارغانچە يوقاپ كەتكەن ئالتە ئۇيغۇرغا سۈكۈت قىلىشى بولدى.

ئاياسوفيانىڭ جامەگە قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى تۈركچە قىزغىن خەۋەرلەر، ھاياجانلىق باياناتلار بىلەن ئالتە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىگە قايتالماسلىقى، خىتايدا يوقاپ كېتىشى ھەققىدىكى ئىنگلىزچە خەۋەر ۋە بۇ خەۋەردىكى كىشىلەرنىڭ ھېچ بىر ئاشكارا ئېتىراپقا، باياناتلارغا نائىل بولالماسلىقى ماڭا بىر ھەدىسنى ئەسلەتتى. پەيغەمبىرىمىز بۇندىن 1400 يىل بۇرۇن مۇسۇلماننىڭ ھۆرمەتتە كەبىدىن ئۇلۇغلۇقىنى تەكىتلىگەن (سەھى ھەدىسلەر قاتارىدىكى نومۇرى 3420). شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەيلى ئەردوغان بولسۇن ياكى ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان يېرۇسالېمنى، ئاياسوفيانى كەبىدىن ئۇلۇغ دېمەيدۇ. رەسۇلىمىز بىر مۇسۇلماننى كەبىدىن ئۇلۇغ دېگەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن خىتايدا غايىب قىلىۋېتىلگەن ئالتە ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۇ ھۆرمەتتىن مەھرۇم قالىدۇ؟ ئۇلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، ئۇلار تۈرك ئەمەسمۇ، ئۇلار ئىنسان ئەمەسمۇ؟

پەلەستىندىكى بىر قۇددۇس ئۈچۈن مەيدىسىگە مۇشتلاپ مەيدانغا چىققان ئەردوغان، يىغىلىشلاردا «ئەي ترامپ، ئەي ئامېرىكا» دەپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ لىدېرى سانالغان بىر زات نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۈچۈن «ئەي شى جىنپىڭ، ئەي خىتاي» دېيەلمەيدۇ؟ ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى پايتەخت دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا قارشى ئاياسوفيانى جامە بولىدۇ دەپ جاكارلاشقا جۈرئەتلىك بۇ جەسۇر مۇسۇلمان رەھبەر يەنە نېمە ئۈچۈن ھۆرمىتى كەبىدىن، ئاياسوفيادىن ئۇلۇغ بولغان، ئۆز پۇقراسى بولغان ئالتە ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۈچۈن جاسارەتلىنەلمەيدۇ؟ خىتاي ئامېرىكادىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتى ئامېرىكادىنمۇ كۆپمۇ؟

تۈركىيە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتلىك رەئىسى، ئەمما بۇ تەشكىلات يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىنى «تېررورلۇققا قارشى تەدبىر» دەپ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. تۈركىيە بۇ تەشكىلاتتا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركلەرنىڭ ھەقلىق تەرىپىدە تۇرمىغان بىلەن ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا كۆچۈرۈشىگە قارشى ب د ت يىغىنىدا قارار ئېلىنىشقا تۈرتكە بولغان ئىدى. تۈركىيە ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن پەلەستىن ئۈچۈن ب د ت دا كۆرسەتكەن بۇ ھىممەتنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا مۇسۇلمان تۈركلەر ئۈچۈنمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ؟ بىر شەھەر ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان، خەلقئاراغا خىتاب قىلغان، مەيدانلارنى تولدۇرغان ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ئۈچۈن بۇ كەسكىنلىكنى نامايان قىلمايدۇ؟ بوپتۇ، قالغانلارغۇ پۇقراسى ئەمەس، نېمە ئۈچۈن شۇ ئالتە پۇقرا ئۈچۈنمۇ بولسا بۇ مەسىلىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويمايدۇ؟ 

مەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا تۈركىيەنى سۆيىمەن. مەن رەسۇلىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ «ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتى كەبىدىن ئۇلۇغ» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلىمەن. مۇسۇلمانلىق مەيدانىدا تۇرۇپ دۇنياغا خىتاب قىلىۋاتقان مۆھتەرەم ئەردوغان ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى تەرغىب قىلىۋاتقاندەك كۈچلۈك بولغانلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەقلىق بولغاننىڭ يېنىدا بولۇشىنى، ئاياسوفياغا، قۇددۇسقا ئىگە بولغاندەك، جازا لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مۇسۇلمانلارغا ئىگە بولۇشىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېسىللىك ئالتە پۇقراسى ھەققىدە خىتايدىن ئاشكارا ھېساب سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ «زۇمەر» سۈرىسىدە «ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ» دېگەن. ئاللاھ بىزنى رەسۇلىمىزنىڭ ھەدىسىگە ئاسىيلىق قىلىدىغان تۇزكورلاردىن، ھەقنى قوغداشقا بەرگەن ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلمايدىغان يالغانچىلاردىن قىلمىسۇن.

(ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.