50 تۈرك شىركىتى خىتاي ماللىرىنى ئالمايدىغانلار سېپىگە قوشۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى. 2020-يىلى ماي.
«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى. 2020-يىلى ماي.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدە بىر شىركەت تەرىپىدىن باشلانغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ سانى 5 ئاي ئىچىدە 50 كە يەتكەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ««دەنكروم سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ماشىنا ۋە زاپچاسلىرى شىركىتى» خوجايىنى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيەدىكى بارلىق شىركەتلەرنى خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلماسلىققا چاقىرىش پائالىيىتى باشلىغانىدى. قادىر ئاقىنچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 50 شىركەت بۇ چاقىرىققا يازما ئارقىلىق ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتنى باشلىغان شىركەتنىڭ خوجايىنى قادىر ئاقىنچى ئەپەندى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە باشلىغان بۇ ھەرىكەتكە ھازىر ئاۋاز قوشۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، چوڭ شىركەتلەرنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان شىركەتلەرنىڭ سانى 50كە يەتتى. 50 شىركەت خىتاي بىلەن تۈزگەن 1 مىليون 510 مىڭ 400 دوللارلىق مال سېتىۋېلىش دوگوۋورىنى بىكار قىلدى. يېقىندا تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىدىكى كرومبەي مېتال شىركىتىنىڭ مۇدىرى فاھرەتتىن ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ HLS شىركىتى بىلەن تۈزگەن 488 مىڭ دوللارلىق مال دوگوۋورىنى بىكار قىلدى».

قادىر ئاقىنچى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى سەنمۇ توختات، خىتاي مېلىنى ئىمپورت قىلما» ناملىق پائالىيەتنى باشلىغانلىقىغا 5 ئاي بولغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى بەزى گېزىتلەردە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر بولۇشقا باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئايقىرى گېزىتى، قارار گېزىتى، ئاقىس گېزىتى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئوبزورچىلار بىزنىڭ بۇ نارازىلىق پائالىيىتىمىزگە قىزىقىشقا باشلىدى. مەنچە 2-3 ئايدىن كېيىن تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيىلەردىمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلايدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇنداق بولغاندا تۈركىيەدىكى بەزى چوڭ شىركەتلەر گۇرۇھلىرىنىڭمۇ بىزنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىزگە تېلېفون قىلىپ، رەھمەت ئېيتتى ۋە پائالىيىتىمىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

ئۇ، بۇ پائالىيەتنى باشلاشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى، قوللىغان شىركەتلەرنىڭ سانى 100’گە يەتكەندە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ يايىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز قوللىغان شىركەت سانىنى 100’گە يەتكۈزۈش. بىز ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتىغا مەنسۇپ ئەمەس، بىز بىتەرەپ ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى تۈركىيەنىڭ ۋە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلەلىگەن ۋاقتىمىزدا بۇ مەسىلە خەلقئارا مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، دۇنيا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يول ئىزدەيدۇ».

كارخانىچى قادىر ئاقىنجى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەتنى قوللاۋاتقان بۇ كارۋانغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتىكەن. يېقىندا تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىدىكى كرومبەي مېتال شىركىتىنىڭ خىتايدىكى HLS شىركىتى بىلەن تۈزگەن مال كېلىشىمنى بىكار قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇدىرى فاھرەتتىن پەھلىۋان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن شىركىتىگە خىتايچە تەرجىمانلارنى قوبۇل قىلىپ، 488 مىڭ دوللارلىق دىگىۋار تۈزگەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنى ئاڭلاپ خىتاي بىلەن تۈزگەن مال كېلىشىمىنى بىكار قىلىپ، بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر يىلدىن بۇيان خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىۋاتاتتۇق. خىتايدىكى كۆپ ساندا شىركەت بىلەن ئالاقە ئورناتقانىدۇق. ھەتتا شىركىتىمىزگە خىتايچە بىلىدىغان تەرجىمانمۇ قوبۇل قىلغانىدۇق. بىز بۇرۇن پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلايتتۇق. قادىر ئاقىنچى ئەپەندى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئاڭلاتتى، بىزگە مەنتىقلىق كەلدى. بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن تۈزگەن دوگوۋورنى بىكار قىلدۇق».

تۈركىيەدىكى تىجارەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار قوللاۋاتقان «خىتايدىن مال ئىمپورت قىلما» ماۋزۇلۇق پائالىيەت خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەن سوئالىمىزغا فاھرەتتىن پەھلىۋان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تامچە-تامچە كۆل بولىدۇ دېگەن سۆز بار. بەلكى بۇ پەريادىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئاڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ چارىسىزلىقى ئاخىرلىشار. خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ئاخىرلىشار. لېكىن شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي خىتايغا قارشى ناھايىتى چوڭ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى زور».

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت