تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

2-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ۋە ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى بىر ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ئىپتارلىق پائالىيىتىدە سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى قۇلايلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىپتار پائالىيىتىدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى، ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئالىي يەرلىكايا، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى ئابدۇللاھ ئاياز، ئىستانبۇل شۆبە مۇدىرى رەجەپ باتۇ، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستانبۇل مۇدىرى ھۈسەيىن ئالتۇنئالان، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز قاتارلىق شەخسلەر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئىپتارلىق پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. كېيىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ سۆز قىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئالدى بىلەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ئىپتار پروگراممىسىدا بالقانلاردىن كاپكاسىيەگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققىچە كەڭ بىر جۇغراپىيەدە ياشىغان قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتارلىق قىلىش كۈچلۈك بىر تارىخنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تارىخ، بۇ كۈچ ۋە بۇ مەدەنىيەتكە ئىگە چىقىش كېرەك. تۈرك مىللىتىنىڭ كۆچۈشى تارىختىن بۇيان داۋام قىلدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە زېمىنىدا تۈرك قانداشلىقى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىمى بۇيرۇققا تەييار تۇرۇش، سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئوقۇشى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوقۇشى ۋە سالامەتلىكىدۇر. پەرزەنتىڭلارنى بۇ دۆلەتتە ئەركىن بىر شەكىلدە ئوقۇتۇڭلار. بىزنىڭ دۇنياغا بېرىدىغان 'كۈچلۈك تۈركىيە' دېگەن قېرىنداشلىق سىگنالىمىز بار. ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىدە بىزنىڭ قارىشىمىز سىلەرنىڭ قارىشىڭلارغا ئوخشاش، ھېچ قاچان ئەندىشە قىلماڭلار، بۇ مەسىلىدە قولىمىزدا بار بولغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى سىلەرنىڭ پايداڭلار ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ يۇرتلاردا قېرىنداش بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەندىشى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن كەلگۈسىگە قەدەم باسىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن.»

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك قان تىپىدىكى خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىقامەت رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش شەرتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يېنىكلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيەدە ئاخېسكا تۈركلىرى، ئۇيغۇر تۈركلىرى، بۇلغار تۈركلىرى، غەربىي تىرياكىيە تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئافغانىستان ئۆزبېكلىرى ۋە تۈركمەنلىرى شۇنداقلا باشقا تۈرك قان سىستېمىسىدىكى قانداش خەلقلەردىن ھازىرغىچە 89 مىڭ 951 كىشىگە ئىنسانىي ئىقامەت رۇخسىتى، 57 مىڭ 902 كىشىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت رۇخسىتى بېرىلدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئولتۇراقلىشىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش رۇخسىتى، ساقلىق خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئىجتىمائىي كاپالەتلىك مەسىلىلىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل بولۇشنىڭ يوللىرى قانۇنىي جەھەتتىن ئاسانلاشتۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە ھەل قىلالايدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. ئىشىكىمىز ۋە قەلبىمىز سىلەر ئۈچۈن 24 سائەت ئۇچۇقتۇر، ھەرگىزمۇ كەمچىللىك ھېس قىلمىغايسىلەر، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى سىلەر ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار.»

ئىپتار پروگراممىسىدا يەنە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالىي يەرلىكايا ئەپەندى سۆز قىلىپ، 15 مىڭ 344 نەپەر قانداش قېرىنداشلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى، ئاخىرقى ئىككى ئاي ئىچىدە يەنە 2450 نەپەر كىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى، كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتلەرنى ئۈچ ئاي ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش ئۈچۈن قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالغان 15 مىڭ 344 كىشىدىن قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن ۋالىي يەرلىكايا ئەپەندى 1245 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانىي ئىقامەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى بۇنچىۋالا كۆپ كىشىگە ئىقامەت بېرىشنىڭ ئۇلارغا تارىخى ھەقىقەتنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە پاناھلىنىدىغان قورغاندۇر، تۈركىيە ئۇمىدۋارلىق، تىنچلىق ۋادىسىدۇر، تۈركىيە نوھنىڭ كېمىسىدۇر، مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر،» دېدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆتكەن يىلى روزا ھېيتنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 6000 ئۇيغۇر قاتناشقان چوڭ يىغىلىشتا مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز بۇ ئىپتار پروگراممى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.