ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلدى. 2019-يىلى 27-يانۋار، تۈركىيە.
مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلدى. 2019-يىلى 27-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنىڭ كۈچىيىشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

مەلۇمكى، تۈركىيە 200 يىلدىن بۇيان غەربلىشىش يولىغا ماڭغان بىر دۆلەت شۇنداقلا 1957-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەت. 

تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1952-يىلى ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا بولدى. تۈركىيەنىڭ گەرچە غەرب ئەللىرى بىلەن بەزىبىر كېلىشەلمىگەن مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي جەھەتتىن غەرب ئەللىرىگە باغلانغان بىر دۆلەتتۇر. ئۇنداقتا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي تۈردە دىققەت ئاغدۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنسايىن يۈكسىلىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارادا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى 3-نومۇرلۇق شەخس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەربابلار پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن رىياسەتچىسى جەيمىس مەكگوۋېرن، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە توماس سوئۇزى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلارنىڭ بايانلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇلاردىن سىرت ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» بەردى. بۇلارمۇ تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتماقتا. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان پائالىيەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكادا د ئۇ ق ئۆتكۈزۈۋاتقان پائالىيەتلەرنى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ باياناتلىرىنى كۆزىتىۋاتىمەن، مەنچە بۇ ئىجابىي يۈزلىنىش. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىلىنىشى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە خەلقئارادا خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ ئىسلام دۇنياسى، تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە سۈكۈناتتا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىم پەيدا قىلىشقا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە، تۈرك دۇنياسىدا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا سۈكۈنات ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەللىرىدە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشى تۈركىيەدىمۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. مۇسۇلمان ھەم تۈركىي خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈناتتا تۇرۇۋېلىشى جامائەت ئىچىدە نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ۋە دىنداش مىللەت بولمىغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تارتىدۇ. تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ خىل كەيپىياتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. خەلق تىلى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش بولمىغان مىللەتلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا، سىلەر نېمىشقا كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر، دەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى غەرب ئەللىرى بىلەن پۈتۈنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا، غەرب ئەللىرىدىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت