22 دۆلەتنىڭ 10-ئىيۇل ب د ت دا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىق تېما سۈپىتىدە كەڭ تارقالماقتا. باياناتتا «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قاماش سىياسىتى» ئەيىبلەنگەن.
11-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان 22 دۆلەتنى ئەيىبلەپ؛ «ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قالايمىقان ئارىلاشتى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇردى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بۇ 22 دۆلەت: ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.
ئاسىيا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ 4 قىتئەدىكى 22 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە بەزى ژۇرنالىستلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ نۇقتا 11-ئىيۇل كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» قانىلىدىكى تونۇلغان ژۇرنالىست مەمەت ئاكىف ئەرسوي رىياسەتچىلىك قىلغان «نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق پروگراممىنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بەھرام شىمشەك ئەپەندى ئۈممەت پارچىلانمىسۇن دەۋاتقان پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ 22 دۆلەت ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتقا قول قويمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلارنى، ئۈممەتنى پارچىلىمايلى دەۋاتقان پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمغا قارىتا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتقا قول قويمىدى، بۇ قانداق بىر ئۈممەتچىلىك؟ بۇنىڭ بىرمۇ مۇسۇلمان ياكى تۈرك دۆلىتى قول قويماپتۇ. بۇ قانداق مۇسۇلماندارچىلىق؟»
ئارقىدىن تونۇلغان ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم سۆزلەپ، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدا ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ئۇ زامان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ خۇددى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن ئىدى. يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بىرلا رەھبەر ئىدى. مەن ئۆتكەندە د ئۇ ق نىڭ يىغىنىغىمۇ قاتناشتىم. مەلۇم بولغىنىدەك غەرب ئەللىرى خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ دەپ قوياي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇيغۇرلارغا بەك ئىگە چىقىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا 4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بېرىپتۇ، كانادامۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، ئەمما 5 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى ۋەتەنداشلىققا ئېلىپتۇ، تۈركىيەدە بولسا 80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار».
مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىمنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىغا قارىتا پارلامېنت ئەزاسى بەھرام شىمشەك ئەپەندى 4 مىليون سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئۈچۈن 80 مىڭ ئۇيغۇر ھېچ نېمە ئەمەس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خامى ئەرسوي ئەپەندى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئۆمەر چېلىپ ئەپەندى ئەنقەرەدە، 26-چېسلا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ جەنۋەدە بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنىدى. بۇ قېتىم تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 22 دۆلەتنىڭ ئورتاق باياناتىغا قول قويمىدى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئۆمەر چېلىك ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ كاتىپى سەلەن خانىم ئېلخەت يېزىشىمىزنى دېگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى دەپ يازغان بولساقمۇ جاۋاب كەلمىدى.
ئارقىدىن بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقداش پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «22 دۆلەتنىڭ ب د ت دا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىغا تۈركىيە باشچىلىقىدىكى بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ قول قويمىغانلىقى راستىنىلا ئېچىنىشلىق. بىز تۈركىيەنىڭ بۇنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىشىنى كۈتۈۋاتاتتۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قول قويمىغانلىقى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. تۈركىيە ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللايدۇ».
مۇستافا دەستىچى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭ مىللىي دەۋايىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈن بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا بىز سۈكۈتتە تۇرالمايمىز. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاپ كەلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايمىز».
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 22 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى پىكىر بىرلىكىدە بولۇشى ۋە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭغا قول قويمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن تۈرك ئوجاقلىرى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
