تونۇلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست تاھا ئاقيول: «تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

7-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئەنقەرە» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

پېشقەدەم ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى ئوبزورىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان.

ئۇ، ئوبزورىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى مىشېلې باچېلېتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خالىغان جايىغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى يازغان.

ئۇ، ئوبزورىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 2-ئىيۇل كۈنى خىتايغا خىزمەت زىيارىتى ئېلىپ بارغاندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەيئەت ئۇيۇشتۇرۇپ «شىنجاڭغا تەكشۈرۈش زىيارىتى ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئىستالىن مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، زاۋۇت ۋە كولخوزلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. فىرانسىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ئاندرە گىدە زاۋۇت ۋە كولخوزلارغا ھەيران قېلىپ ئىستالىنچى بولۇپ كەتكەنىدى. پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ‹تۈركىيە ھەيئىتى كېلىپ كۆرسە بولىدۇ› دەپتۇ. ئەگەر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستانغا بارسا ئىستالىن ئۇسۇلى بويىچە ‹ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ›.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 22 دۆلەت ۋەكىللىرى قول قويغان تەلەپ خېتىدە خالىغان جايغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ھەيئەتتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى مىچېل باچېلېتمۇ ئورۇن ئالىدىكەن. بۇ زىيارەتنىڭ نېمە پايدىسى بار دېمەڭلار؟ كۆپ پايدىسى بار؟»

تونۇلغان ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئەپەندى «قارار گېزىتى» نىڭ 7-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خىتايغا بۇنچىۋالا يۇمشاق مۇئامىلە قىلماي، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە يۇمشاق كۈچ ئۇقۇمى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، خىتاينىڭمۇ بۇنىڭغا ئېھتىياجى بار. خىتاي، ھاكىممۇتلەق دۆلەت تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى دۇنياغا يۇمشاق كۈچ دەپ سۇنماقتا. خىتاي، دۇنياغا زالىم، مەدەنىيەت دۈشمىنى بولۇپ تونۇلۇشنى خالىمايدۇ. 2-ئايدا ئەنقەرە خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغاندا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭلى بۇ خىل باياناتلار ‹ئىككى دۆلەتنىڭ تىجارىي مۇناسىۋىتىگە زىيان بېرىدۇ» دەپ تەھدىت سالغانىدى. پەلەستىن ۋە مىسىر مەسىلىسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارشى ھەيۋە قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىتاي گېزىتىدە خىتاي دۆلىتى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ماقالە يازدى. خىتاي دۆلەت رەئىسىنى ‹قىممەتلىك دوستۇم شى جىنپىڭ» دېدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ‹ئۆزئارا نازۇك مەسىلىلىرىمىزنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەل قىلىش يولى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن› دەپلا قويدى. ئۇ، خىتاي بىلەن تۈزمەكچى بولغان مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە، قاتناش توختامنامىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ شۇنداق دېگەنلىكى ئېنىق. ئەلۋەتتە ‹ھەي خىتاي!» دەپ ھەيۋە قىلمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇنداق يۇمشاق مۇئامىلە قوللانماسلىقى كېرەك ئىدى، ب د ت دىكى 22 دۆلەت باش ئەلچىسى قول قويغان ئورتاق باياناتقا قول قويۇشى كېرەك ئىدى».

تونۇلغان ئوبزورچى تاھا ئاقيول ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان مىليارد دوللارلىق توختامنامىدىن خىتاينىڭمۇ ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز ئوبزور ھەققىدە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تاھا ئاقيول ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە تەسىرى كۈچلۈك بىر ژۇرنالىست ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئوبزورىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تاھا ئاقيول ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى ئوبيېكتىپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا بۇنداق تاھا ئاقيولغا ئوخشاش تونۇلغان ئوبزورچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ماقالىلەر يېزىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈچەيگەنسېرى تۈركىيەدىكى مېديا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تاھا ئاقيول ئەپەندى 1970-يىللاردىن تارتىپ جۇرنالىستلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور يازغان.