تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدا خىتايغا قاتۇرۇلۇش ئەندىشىسى كۈچەيمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن قولىغا تاجىك پاسپورتى تۇتقۇزۇلۇپ، تاجىكىستانغا يولغا سېلىنغانلىقى، تاجىكىستاننىڭ بۇ ئايالنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئەندىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىدىكى پەھلىۋانكۆي كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەخمەت شەمشىدىن بۇ خىل ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ يىل 5‏-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان 29 ياشلىق ئەخمەت شەمشىدىننىڭ بۇ مەركەزدە يېتىۋاتقىنىغا ئىككى يېرىم ئايدەك ۋاقىت بولغان ئىكەن. ئەخمەت شەمشىدىننىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قۇرغان، تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش ۋە ئىشلەش رۇخسىتى بولغان ئەخمەت شەمشىدىن نۆۋەتتە دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى» ناملىق «تېررورلۇق» تەشكىلاتىغا پۇل ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

ھالبۇكى، بۇ خىل ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار يالغۇز ئەخمەت شەمشىدىنلا ئەمەس. نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاز دېگەندە 3 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئىسمى بىزگە مەلۇم. تۈركىيەنىڭ مەلۇم جايىدىكى بىر كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئادۋوكاتى يىلماز ئابدۇھالىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئېنىق سىياسىتى بولسىمۇ، بەزىدە بيۇروكراتلىق خاتالىقلار سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى شۇ، بۇرۇندىن تارتىپ بۇ خىل ھادىسىلەر بولۇپ كەلدى. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئۇلار بىرەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەۋەب بولىدۇ ۋە ئارقىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارىدا بىر-ئىككى قېتىم قايتۇرۇۋېتىلىدىغان ئەھۋاللار يۈزبەردى. ئەمما بۇنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلار پرىنسىپ جەھەتتىن قايتۇرۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. مەسىلەن، بۇنىڭدا ئىككى قائىدىدىن تاشقىرى ئەھۋال يۈز بەردى. 1‏-قېتىملىقىدا 3 ئادەم قايتۇرۇلدى. 2‏-قېتىملىقىدا بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بالىسى قايتۇرۇلدى. مەھكىمىلەر كۆپ ئەھۋاللاردا قايتۇرۇلۇشقا قارشى ئىجابىي قارارلارنى بېرىدۇ. ئەمما 2 ئاي، 3 ئاي، 4‏-5 ئاي، 6 ئاي، بىرەر يىلدەك يېتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.»

نۆۋەتتە، ئابدۇلھالىم يىلماز 5-6 ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇ 14‏-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيە ئاساسى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئۇيغۇرنى خىتايغا ۋاقىتلىق قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەمۇرى مەھكىمىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇھالىم يىلماز مۇنداق دېدى: «(ئۇنى) قويۇپ بەرمىدى. ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ يېزىپتۇ. بۇ ئەھۋاللار شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، ئوخشىمىغان ۋىلايەتلەردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە قارار بەرمەكتە. بەزىلەر ئىشىغا خام، بەزىلەر ئىش بىلمەيدۇ. بۇ ئەھۋاللارغا مۇشۇلار سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن. بىز مەمۇرى مەھكىمىگە ئەرز سۇندۇق، ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇش قارارى بىكار قىلىنسۇن دەپ. بىر ئايدىن كېيىن قارار چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا ئاساسى قانۇن مەھكىمىسى قارار چىقارغان، بۇ كىشىنى قايتۇرماڭلار دەپ. بىز ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرگە بېجىرىلىدۇ، بۇ يەردىكى كاشىلا مانا شۇ.»

نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز 14‏-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركەزلىرىدىكى 40 تەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرگەن. ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋە خەۋەرلەر مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ھامىتخان كۆكتۈرك ئەپەندى 40 تەك ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىدى، لېكىن ئۇ يەنە 7 دەك ئۇيغۇرنىڭ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامىتخان كۆكتۈرك مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 47 كىشى سولاقلىق ئىكەن. 47 كىشىدىن 40 نى مۇشۇ ھېيتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىپتۇ، يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7 كىشى بار ئىكەن. بۇ 7 كىشىنىڭ 3 ئى ئەركەك 4 ئى ئايال ئىكەن. تۈركىيە ئىستىخباراتى بۇ كىشىلەرنى خەۋپلىك ئادەملەر، دەپ دوكلات بېرىپتىكەن، قويۇپ بەرمەپتۇ.»

ھامىتخان كۆكتۈرك يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشلارنى خىتاينىڭ تەسىرى بىلەن بولۇۋاتىدۇ دېسەك توغرا بولىدۇ. ئىچكى ئىشلا مىنىستىرى (زىننەتگۈل مەسىلىسى ھەققىدە) بايانات بەردى. مۇشۇ خاتالىقنى كىم سادىر قىلغان بولسا، بىز سۈرۈشتۈرىمىز دەپ. ئەمدى كەتكىنى كەتتى، ئەمما بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن جىددىي تۇتساق قايتۇرمايدىغان بولىدۇ. ماۋۇ 47 ئادەمنىمۇ سوراۋاتىدۇ، ھازىر.»

قۇربان ھېيت ھارپىسىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر زىننەتگۈل ۋەقەسى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى قاتارلىق بىر قانچە تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۇلايمان سويلۇ زىننەتگۈل ۋەقەسىنى تەكشۈرىدىغانلىقى، تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇلھالىم يىلماز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سوتى داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى» : مەن پەقەت مۇساپىرلارنىڭ دېلولىرىنى ئىشلەيمەن. بىر مۇنچە ئۇيغۇر بار، ھازىر ئېسىمدە قالغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت 6-7 دېلو بار. ھازىر مەن ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 2 كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. 2 كىشى ئىچىدە قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلدى، لېكىن دېلوسى سىرتتا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئازاد قىلىندى، ئەمما سوتى ئاخىرلاشمىدى.»

تۈركىيەنىڭ قىرىقلارئەلى ۋىلايىتىنىڭ پەھلىۋانكۆي كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەخمەت شەمشىدىننىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر قايتۇرۇش مەركىزىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئەخمەت شەمشىدىننىڭ ئايالى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاماقخانىدا ئەمەس، بەلكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.