تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-26
Share
turkiye-xitay-yighin.jpg خىتاي تۈركىيە دىپلوماتىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

24-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارلىنىپ، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا «ئورتاق بىخەتەرلىك ئىش بىرلىكى مېخانىزىمى» قۇرۇلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ مېخانىزىمنى ئىشلىتىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئاشكارلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەتقىقات-بىخەتەرلىك ئ‍ىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 3-ئايدا تاييارلانغان بۇ ھۆججەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان 8 ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تىلغان ئېلىنغان.

تۈرك تاراتقۇلىرىدا ئاشكارلانغان بۇ ھۆججەتنى ئۇلارنىڭ قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئەۋەتىلگەن ھۆججەتتە، «تۈركىيە-خىتاي بىخەتەرلىك ئىش بىرلىكى مېخانىزىمى» غا ئاساسەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ئابدۇقادىر ياپچان، ئەنۋەر تۇردى، ئەلى ئابلەتكە ئالاقىدار «جىنايەتلەرگە باغلىنىشلىق دەلىل ئ‍ىكەنلىكى قەيت قىلىنغان قوشۇمچە ھۆججەتلەر» نىڭ سۇنۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھۆججەتتە يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىدرىس ھەسەن، ئەنۋەر تۇردى، ئابدۇخېۋېر جېلىل، نۇرۇللاھ مەمەت، ئابدۇرېھىم مەمەتئەلى، ئەلى ئابلەت ۋە مەمەت يۈسۈپ ئابدۇكېرىمنىڭ تۈركىيە ئەدلىيەسىدە داۋام قىلىۋاتقان سوتىنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىراق ھۆججەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئېلىنغان ئاتالمىش «دەلىللەر» گە ئائىت قوشۇمچە ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى بېرىلمىگەن.

مەزكۇر ھۆججەت 25-ئاۋغۇست تۈركىيەدىكى ئ‍ۆكتىچى پارتىيە، ئ‍ادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىدى. «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلىشىۋاتقانىلىقى، بەزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەلچۇق ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرۇۋاتقانلار بۇ مەسىلىدە بەك سەزگۈر، بەك تۇيغۇن بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى كەسكىن بولۇشى لازىم. ئەمما كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، دائىم خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى، ھەر خىل پۇل ئوبوروت كېلىشىملىرى، بەزى توختاملار ۋە ھەر خىل شەرت-شارائىت خاراكتېرلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتىۋاتىمىز.»

سەلچۇق ئۆزداغنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە ئەدلىيە مۇستەقىل بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا ئىزاھات بېرىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرى تۈركىيەنى باغلايدۇ، خىتاينى باغلىمايدۇ. بۇ نۇقتىدا ئ‍ىككى تەرەپنىڭ بىر كېلىشىمى بولۇپ، ئۇ بۇ رامكا ئىچىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغان بولسا ھامان بېرىلسۇن. بىراق تۈركىيەدە ئەدلىيە مۇستەقىل، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق تەلىپىنى يېزىپ ئەۋەتىشى كېرەك. ‹جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى› پارلامېنتنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىسسىيەسىدە. ھۆكۈمەت بۇنىڭغىمۇ ئىزاھات بەرمىدى. دېموكىلىسنىڭ قىلىچىدەك بۇ كېلىشىملەرنى ساقلىتىشى تۈركىيەدىكى 70-80 مىڭدەك ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق تۈركىلىرىنى ئەندىشىدە ياشاشقا مەھكۇم قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆججەتتىكى شەخسلەر تۈركىيە ئامانلىق ئ‍ورگانلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل كۆزىتىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردىن ئابدۇقادىر ياپچان تېخى يېقىندا تۈركىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئاقلانغان. ئىدىرىس ھەسەن بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيەدىن ياۋروپا ئەللىرىگە پاناھلىق ئىزدەپ مېڭىپ ماراكەشنىڭ كاسابلانكا خەلقئارا ئايدۇرۇمىدا تۇتۇلۇپ قالغان. بۇ ۋەقە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئىنتېرپول ئ‍ۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭغا چىقىرىلغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغان ئىدى.

بىز 25-ئاۋغۇست مۈخپىي ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئەن‍ۋەر تۇردىنى زىيارەت قىلدۇق. خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى ئەنۋەر توۇردىنى تۈركىيەدىن رەسمىي تەلەپ قىلغان. ئۇ 2017-يىلى تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «تېرورلىققا چېتىشلىق» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلدەك سولاپ قويۇلغان ئىدى. ئەنۋەر تۇردىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تۈرك ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئىكەن.

بىراق تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش رەسمىي سىياسىتى يوق بولۇپ، قىسمەن ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان تۈرك ئادۋوكاتى فەرۇق كەلەشتىمۇر 25-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بەزىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى گۇرۇھلار سەۋەب بولىدىكەن.

فەرۇق كەلەشتىمۇر مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش، دەيدىغان بىر ئىجرائاتى يوق. بىراق بۇيەردىكى ھادىسىلەرگە شۇ سەۋەب بولۇپ كەلدى. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا، يەنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى بىر قىسىم گۇرۇپپىلار بار. بۇ گۇرۇپپىلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى پەملەپ تۇرۇپ، تۈرك ئورگانلىرىغا پاش قىلىدۇ. بىرسىنى پاش قىلىش تۈرك قانۇن ئورگانلىرىغا مەسئۇلىيەت ئارتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. پاش قىلىنغۇچى چەت ئەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ،» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى تاجىكىستانغا قايتۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بىر ئايرىم ئەھۋال ئىكەنلىكى، قايتۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرمايدۇ. پەقەت كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركەزلىرىگە ئ‍الىدۇ. بۇ ئورۇنلارغا ئېلىنغانلار نوقۇل ئۇيغۇر تۈركلىرىلا ئەمەس. قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى بولمىغان ياكى جىنايەتكە ئارىلىشىپ قالغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئېلىنىدۇ… ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇشلۇق رۇخسىتى بولمىسىمۇ، ئاساسەن قويۇپ بېرىلىدۇ.»

لېكىن سەلچۇق ئۆزداغ، ئۇيغۇرلارنى دائىم بۇنداق تۇتقۇن قىلىشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئەيىب ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق پاش قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھۇشيار بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. سەلچۇق ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈركىيەنى ئىشلىتىۋاتقان جاسۇسلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەر خىل پاش قىلىشلىرىغا قارىتا بۇ كىشىلەرنى ئ‍ۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېلىپ قولغا ئېلىش، بەزىدە ئۇلارنى باشقا دۆلەتلەرگە يولغا سېلىش تۈركىيە ئۈچۈن ئەيىبتۇر. تۈركىيە بۇ نۇقتىدا تېخىمۇ ھۇشيار بولۇشى كېرەك… ئۇلارنىڭ بۇ شەكىلدە پات-پات ئاختۇرۇلۇشى، قولغا ئېلىنىشى، باشقا 70-80 مىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرۇۋاتقانلار مەيلى سوت، مەيلى ئامانلىق تارماقلىرى بولسۇن، تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، ئۇلارنى بىئارام قىلماسلىقى كېرەك.»

تۈركىيەدىكى يەنە بەزى ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەرنى تۈركىيە-خىتاي «ئورتاق بىخەتەرلىك ئىش بىرلىكى مېخانىزىمى» غا ئاساسەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قانۇن يول قويمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئىكەن.

تۈركىيەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى، ئادۋوكات ئىلياس دوغاننىڭ 25-ئاۋغۇست مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «‹ئورتاق بىخەتەرلىك ئىش بىرلىكى مېخانىزىمى› بولغان تەقدىردىمۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ كىشىلەرنى سوتلىماي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قانۇن جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. بىراق شۇنداقتىمۇ بۇ تەلەپ تۈپەيلى بۇ كىشىلەر ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئېھتىماللىق يۇقىرى. شۇڭا بۇ كىشىلەرنىڭ بىزگە دەرھال ۋاكالەتنامەسى بېرىشى كېرەك،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت