فاخرەتتىن يوقۇش: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز»

0:00 / 0:00

10‏-سېنتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ھەيئىتىنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ «تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى، تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى «ياخشى» پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز تۈركىيەدە بۇ دەۋانى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەممە كىشىنى قوللايمىز ۋە ياردەم بېرىمىز. مەلۇم بولغىنىدەك بىر يىلدىن بۇيان بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويدۇق. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىممۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ھەتتا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغىمۇ قاتناشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن شۇنى دېمەكچىمەن بىز تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ياخشى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش مەسلىھەتچىسى رىشات ئابباس ئەپەندى، باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «تۈركىيە-خىتاي پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندىلەر بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغانىدى.

بۇ ھەيئەت يەنە مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، بولۇپمۇ «جازا لاگېرلىرىغا» بولغان ئىنكاسلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قېرىنداش ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار يەنە، بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىلەن فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندىگە د ئۇ ق نامىدىن رەھمەت ئېيتقان.

پارلامېنت ئەزاسى فاخرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەي 'ئەت ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز دۆلىتىمىزنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشىنى، خىتاي ئۇ يەردە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنى بىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتىمىز دەۋاتىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنتتىكى ھەر قايسى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى شەرت».

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، د ئۇ ق نامىدىن بۇلارغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە د ئۇ ق نامىدىن بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى زىيارەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بۇنىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارغۇسى ھەمكارلىشىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر ھەي ئەت 2018-يىلى ئەنقەرەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ، ئىنستىتۇتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.