تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن مۇراسىمىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.09.30
istanbul-xitay-konsul.jpg خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئۆتكۈزگەن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 27-سەنتەبىر.
RFA/Arslan

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 27-سېنتەبىر كۈنى كەچتە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جۇ ۋېينىڭ دەۋىتىگە ئاساسەن تۈركىيەدىكى «ۋەتەن» پارتىيەسى (كوممۇنىست پارتىيە) نىڭ رەئىسى دوغۇ پېرەنچەك، ئىستانبۇلنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى ھۈليا كايا، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلى، بەيئوغلى شەھىرىنىڭ باشلىقى ھايدار ئالىيىلدىز، «ئايدىنلىق» گېزىتى ۋە «ئۇلۇسال قانال» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا كىشى بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان.

مۇراسىم خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان، كېيىن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولى جۇ ۋېي سەھنىگە چىقىپ، مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ خىتاينىڭ قانداق قىلىپ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ سۆزلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن خىتاي 13. 6 تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادى بىلەن دۇنيادا ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى. بۈگۈنكى خىتاي دۇنيا نوپۇسىنىڭ يۈزدە 25% پىرسەنت نوپۇسىنى بېقىش ئارقىلىق دۇنياغا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ پاراۋانلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ مۇقىم سىياسىتى، ئۆم ۋە ئىناق خەلقلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا 56 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان باياشات بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.»

خىتاي كونسولى جۇ ۋېي سۆزىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بىر ئورتاق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېيىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىستانبۇل بۈيۈك شەھىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەم خىتاي بىلەن ھەم دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى بىر مۇناسىۋەت دەۋرىنى باشلىتىدىغانلىقىنى بۇ يەردە ئېلان قىلىمەن».

خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مېھمانخانا ئالدىغا جەم بولۇپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى يۈسۈپ پالتا ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى «ئالدامچىلىق» دېدى. ئۇ خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ئويۇنلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچى شەمشىقەمەر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغان 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاخشام فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتى خىتايدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. بىز بولساق ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ 70 يىللىقىغا قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

شەمشىقەمەر خانىم خىتاي كوممۇنىسىت ھاكىمىيتىىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە خىتاب قىلىمەن، سىلەر 70 يىلدىن بۇيان ۋەتەنىمىزنى ئىشغال قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ۋەتىنىمىزنىڭ يەر ئاستى يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈپ ھاكىمىيەتنىڭلارنى ۋە ئىقتىسادىڭلارنى كۈچلەندۈردىڭلار. ئەمدى كۈچلۈك ئىقتىسادىڭلار بىلەن دۇنيانى ئالداپ ھاكىم بولۇشقا ئورۇنىۋاتىسىلەر. بىز بۇ يەردە سانىمىز ئاز بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. سىلەر خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا ھەرگىزمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسىلەر. سىلەرنىڭ يىمىرىلىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى. بىز پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئاخىرقى نەپىسىمىز قالغۇچە مۇستەقىللىق مۇجادىلىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي قارارغا كەلگەنلىكىمىزنى سىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق».

خىتاينىڭ تۈركىيەدە كۆپلەپ يىغىن-مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تۈرك ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىگە قارىتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق بىر پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىز ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.