ئىستانبۇلنىڭ ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىدىكى خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرى ئۆچۈرۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.10.11
Istanbulidiki-Xitayche-Qatnash-Taxtiliri-Elip-Tashlanghan-02.jpg ئىستانبۇلنىڭ ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىدىكى خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرى ئۆچۈرۈلدى.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ترامۋاي بېكەتلىرىگە ئالدىنقى كۈنلەردە چاپلانغان خىتايچە يول بەلگىلىرى ۋە خىتايچە خەتلەر ئاۋامنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھەمدە نارازىلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۆچۈرۈلۈپ تاشلاندى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ ھادىسىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ باياناتلار ئېلان قىلغان ئىدى. 

ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى (شەھەرلىك ھۆكۈمەت) بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوستلۇق كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ترامۋاي يوللىرىدىكى بېكەتلەرگە خىتايچە خەتلەر چاپلانغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، تۈمياد، يەنى «تۈم خەلقلەر ياردەملىشىش جەمئىيىتى»، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار جىددىي شەكىلدە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتايچە خەتلەرنى دەرھال ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ ئىنكاسلار يېزىلغان ئىدى. ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، تۈمياد يەنى تۈم خەلقلەر ياردەملىشىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم ياشلار بېكەتلەردىكى خىتايچە خەتلەرنى سۆكۈپ ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى ئېسىش بىلەن بىرگە «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ چاپلىغان ئىدى. 

«يېڭى شەفەق» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە «تۈمياد»، يەنى پۈتكۈل خەلقلەر ياردەملىشىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سالىھ قىلىچ ئەپەندى بايانات بېرىپ، بېكەتلەردىن خىتايچە يول بەلگىلىرىنى سۆكۈپ تاشلىدۇق. ئۇنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شوئارلار يازدۇق. بىز سۆكتۇق، ئۇلار يەنە ئاستى،» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلار چەمبەرلى تاش بېكىتىگە چاپلانغان خىتايچە خەتنى تەرجىمە قىلىپ بەردى، خىتايچە بۇ جاي ‹كونىستانتىن ئاپوللو مۇنارى› دەپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ خاتالىق بايقالغاندىن كېيىن خىتايچە خەتلەر قايتىدىن يېزىلىپ، خىتايچە ‹چەمبەرلىتاش› دەپ ئۆزگەرتىلدى. بىز ھەممىنى سۆكۈپ تاشلىدۇق، ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئاستۇق. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شوئارلارنى يازدۇق.» 

خىتايچە خەتلەرنى بېكەتلەردىن سۆكۈپ تاشلىغان «تۈمياد»، يەنى پۈتكۈل خەلقلەر ياردەملىشىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سالىھ قىلىچ بۇ ھەقتە تۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مىليونلىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا، ئۇلارنى ئاياق ئاستى قىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ۋە ئۇلارغا چوماقچىلىق قىلىۋاتقانلار بىلسۇنكى، ئۇلار خىتايچە خەتلەرنى ئىستانبۇل بېكەتلىرىگە يەنە چاپلىسا، بىز يەنە ھەممىنى سۆكۈپ تاشلايمىز. بۇ بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرىڭلار بەدىلىگە رەنجىتىشىڭلارنى خالىمايمىز ھەم بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايمىز. شەرقىي تۈركىستان بىز تۈركلەرنىڭمۇ ئاتا يۇرتىمىزدۇر.» 

خىتايچە خەتلەرنىڭ بېكەتلەرگە چاپلانغانلىقىغا نارازىلىق كۈچەيگەندىن كېيىن ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى (شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى) تەرىپىدىن چۈشەنچە بېرىلىپ، بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا خىتايچە خەتلەرنى بېكەتلەرگە ئېسىش ئىشى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىلىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ۋاقىتلىق ئېسىلغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنلىرىدىمۇ شۇ دۆلەتنىڭ تىلىدا بېكەتلەرگە يول كۆرسەتكۈچ ئېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ ھەقتە «يېڭى ئاكت»، «يېڭى چاغ» ۋە «سۆزچى» گېزىتلەرنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسى (شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى) تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ۋە چەتئەل ساياھەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە «تەرجىمە تاختىسى» نامىدا يېڭى بىر ئىش پىلانى باشلىتىلغان ئىكەن. باياناتتا چەتئەللىكلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان تارىخىي يېرىم ئارال، يەنى فاتىھ رايونى ۋە ئەتراپىدا بۇ پىلان ئىجرا قىلىنىدىكەن. قاتناش ۋاسىتىلىرىدە يول كۆرسەتكۈچ تاختىلىرىغا باشقا تىللاردىكى خەتلەر يېزىلىپ، ۋاقىتلىق ئېسىلىشقا باشلىغان. 

بىز بۈگۈن ئىلگىرى خىتايچە خەتلەر ئېسىلغان ئىستانبۇلدىكى ترامۋاي بېكەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئايلىنىپ چىقتۇق، ئەمما خىتايچە خەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى كۆردۇق.

باياناتتا دېيىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىگە خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلەرنى ئېسىشنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ھەر خىل تىللاردا يول تاختىسى ئېسىش پىلانى تۇنجى بولۇپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئىكەن. باياناتتا بۇ ئىشنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلدە ئىستانبۇلغا كەلگەن 400 مىڭ ئەتراپىدىكى ساياھەتچىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىندى. 

باياناتتا يەنە ئىستانبۇلنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم بايرام كۈنلىرىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ مەقسىتىدە بۇ پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ساياھەت مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەرەب ساياھەتچىلەر ئۈچۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا ئەرەبچە خەتلەر، نورۇز بايرىمى كۈنلىرىدە ئىرانلىقلار ئۈچۈن پارسچە خەتلەر، رۇسلارنىڭ پاسخا بايرىمى كۈنلىرىدە رۇسچە خەتلەر ئىستانبۇلنىڭ قاتناش سىستېمىلىرى بىلەن يول كۆرسەتكۈچ تاختىلىرىغا قوشۇمچە ئېسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا مۇخبىرنىڭ ساياھەت ئورۇنلارغا ئېسىلغان خىتايچە خەتلەرگە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىۋاتقانلارنىڭ نارازى بولغانلىقىغا قارىتا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەر كىمنىڭ سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمما خىتاي بىلەن بىزنىڭ تىجارەت مۇناسىۋىتىمىز بار، خىتايدىن بىزگە ساياھەتچى كېلىۋاتىدۇ، خىتايلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە بىز خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلىرىنى ئاسىمىز. ئىرانلىقلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىدە پارسچە يول كۆرسەتكۈچلەرنى ئاسىمىز. مەقسىتىمىز ئىستانبۇلغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھامىدخان كۆكتۈرك ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئىمامئوغلىنىڭ باياناتىغا رەددىيە بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇنداق ئىنسانىي ۋە ۋىجدانى بىر مەسىلىگە ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋىجدانىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئۇنىڭ تىجارەتنى باھانە قىلىپ، خىتايلارنىڭ تۈركىيەگە كۆپلەپ كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىشى بىر شەھەر باشلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى بىر ئىنسانغىمۇ ياراشمايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا سىغمايدىغان بىر ئىش. ئىمامئوغلۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.