فاھرەتتىن يوقۇش: «‹ئىيى پارتىيەسى› ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاخىرىغىچە ئىگە چىقىدۇ!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.10.14
turkiye-iyi-partiyesi.jpg «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى(ئوڭدا) د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىلەرنى قوبۇل قىلدى. 2019-يىلى 14-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى 14-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتىيە مەركىزىدە ئۇيغۇر ھەيئەتى بىلەن ئۇچراشتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارتىيە مەركىزىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

دوكتور ئەركىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئىي»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىشى ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ يىغىن چاقىرغانلىقىنى، يىغىننىڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا «ياخشى» پارتىيەسى مەسئۇللىرىغا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئىيى»، يانى «ياخشى» پارتىيەسى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 2018-يىلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا پارلامېنتقا كىرگەن ئىدى. پارلامېنتقا كىرگەندىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى گەرچە ئۆكتىچى پارتىيە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتە زور رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرە تۈركىيەنىڭ سىياسەت مەركىزى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىزچىل ھالدا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا. ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇندىن كېيىن ھەرقايسى پارتىيەلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگۈچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلگەن. ئۇنداقتا، «ئىيى» پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇشقا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى باناي قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئېزىلگەن مىللەتلەرگە ئىگە چىقىش بىزنىڭ شۇئارىمىز ئىدى. بۇنى بىر يىلدىن بۇيان پارلامېنتتا ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسىمۇ بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. قاچانغىچە دېسىڭىز؟ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغۇچە، خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ئاخىرلاشقۇچە، ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىمىز. ئەگەردە بىر كۈن تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەكمۇ بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا «ئىيى» پارتىيەسىگە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق دوكلات تەقدىم قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.