ئىستانبۇلدا «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى قارمىقىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسىمى ئەنگە ئېلىنىپ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

9-نويابىر شەنبە كۈنى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى يېڭى ئىشخانىسى ئالدىدا چوڭ سورۇن ھازىرلىنىپ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا «يېشىل ئاي» جەمئىيىتى، خەيرات جەمئىيىتى، كۈچۈكچەكمەجە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، يېڭىدىن رىفاق پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا رەھبەرلەر ۋە خەلق ئاممىسى قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن «كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇرەھىم ئەزىزئوغلى سۆز قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان جەمئىيەتنى تەبرىكلىدى ۋە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭى كۆك ۋە بايراقتا ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن ‹كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى› نىڭ لوگوسى ھەم ئاي ھەم كۆك رەڭدىن تەركىپ تاپتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئۇچۇق بىر شەكىلدە ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش ساھەسىدە تۈركىيە ۋە چەتئەللەردە ياخشى خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.»

مۇراسىمدا يەنە سابىق پارلامنېت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، «باشقىلارنىڭ قىزىل ئاي، يېشىل ئاي جەمئىيەتلىرى بولسا، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭمۇ ئەمدى كۆك ئاي جەمئىيىتى بوپتۇ، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيتىنىڭ ئىسمى دەل جايدا قويۇلغان ئىسىم بوپتۇ. بۇ جەمئىيەتنى تەبرىكلەيمەن ۋە ھەر جەھەتتىن قوللايمەن،» دېدى.

بۇ جەمئىيەتنىڭ تۈركچە ئىسمى «ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم دەرنەگى» دەپ ئاتالغان. مۇراسىمدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى مۇستافا قورقۇت سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە غەيرەت قىلىمىز. كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىمىزگە كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسىدىكى پۈتكۈل خەلق ئاممىسى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ دەستەك بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن،» دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭىدىن رافاھ پارتىيەسىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە رەئىسى شابان يۈكسەل ئەپەندى، يېشىل ئاي ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى كامال ئالتۇن بەيئەپەندى، يەسەۋىي ئالپئەرەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، «كۆك ئاي ئىنىسانىي ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ ماددى ۋە مەنۋىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى بۇ جەمئىيەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، غايە-مەقسەتلىرى ۋە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ياردەم بۆلۈمىنى رەسمىيلەشتۈرۈپ، «كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» دېگەن نامدا ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمى ئەنگە ئالدۇرۇپ تەستىقلاتقان ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەمئىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.