خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تۈركىيەدىمۇ زور ئىنكاس قوزغىماقتا. تۈركيەدىكى «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندى 19-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىلىنىڭ مالىيە ئاتچوتى توغرىسىدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندىنىڭ پارلامېنتتا قىلغان سۆزى 20-نويابىر كۈنى «ئايدىن خابەر» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن مەخپىي ھۆججەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا خىتايغا 5 ئابزاس ئايرىلغان. بۇنىڭ بىر ئابزىسىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بايان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنى ‹قېرىنداش مىللەت› دەپ ئاتىمىغان. ئۇيغۇر تۈركلىرى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز مەلۇمات بېرىلگەن. بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلغان كۈندە ئامېرىكادىكى ‹نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى› تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش ھەققىدىكى بۇيرۇقى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك يوق قىلىش سىياسىتى ئاشكارىلانغان بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا تارتىنچاق تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى مۇۋاپىق ئەمەس.»
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۆمەر ئاق ئەپەندى ئېلىپ، پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يىغىنى بارلىقىنى، ھازىر جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئايدىن ئەپەندى بىلەن سۆزلەشتىم. بۈگۈنلەردە تازا ۋاقتى يوق ئىكەن، ھازىر پارتىيە يىغىندا. ئەپسۇسكى، زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلالمايدۇ.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بۇنداق ئاز ئورۇن بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەنىڭ 2015-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىمىغان. بۇنىڭ سەۋىبى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايدىن مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن خىتاينى «دوستۇم» دېگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ «قېرىندىشىم» دېيىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەدە خىتاي قۇرغان جازا لاگېرلىرىغا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تاشلانغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ İئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتنىڭمۇ ئەلۋەتتە تەسىرى بولىدۇ. مۇھىمى يېقىندا تۈركىيە خىتايغا ئەۋەتىدىغان ھەيئەت بېرىپ كەلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا بىر سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك.»
بۇ يىل 2-ئايدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئەرسوي ئەپەندى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چېلىك ئەپەندى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەپەندىلەر ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خەلقئارا بېسىم ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيە بۇ خىلدىكى باياناتلارنى بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00