ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» باش تېما قىلىنغان مۇزېي تۈسىدىكى كۆرگەزمە ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-11-22
Share

تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تەسۋىرلەنگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە نەق مەيدان تۈسىنى بېرىدىغان جانلىق كۆرسەتمە مۇنبىرى ئېچىلدى.

مۇزىيلىق كۆرۈنۈش ئەكس-ئەتتيۈرۈلگەن بۇ كۆرگەزمە 20-نويابىر شەنبە كۈنى كەچتە ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمى باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتجان ئۇيغۇر ۋە دوكتۇر ئۆمەر قۇل قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىپ، قىسقىچە سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئونىۋېتىستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر بۆلۈك ياشلار قاتناشتى.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇزېي تىپىدىكى بۇ جانلىق كۆرگەزمە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھويلىسى ۋە ئىشخانىلىرىدا تەسىس قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھويلىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سۈرەتلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئېسلغان. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىشخانا ۋە يىغىن زاللىرىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم، خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرىنى تەسۋىرلىگەن «يولۋاس ئورۇندۇق» قا ئوخشاش ھەر خىل ئىسكەنجە ئەسۋابلىرى قويۇلغان. يەنە بىر ئىشخانىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارىدىغان بالنىتسا كارۋاتلىرى، ئوكۇل ۋە باشقا ئۈسكۈنىلىرى تەسۋىرلەنگەن تەقلىدىي بۇيۇملار قويۇلغان. كۆرگەزمە تاختايلىرىغا يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سىزما رەسىملىرى ۋە ئىسىملىرى يېزىلىپ ئېسىلغان.

بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقان ئۇيغۇر ياشلار گۇرۇپىسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان بايانات ۋاراقچىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلىرىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. گەرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتچى، مۇخبىر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەنگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايلار بۇ ھەقىقەتنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننى تاشقىي دۇنياغا تامامەن تاقاپ، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەكتە. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك خەلقىگە بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىچىك تىپتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزىيىنى قۇرۇپ چىقتۇق.»

بىز بۇ كۆرگەزمىنى ئويۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلاردىن سەمەرجان سەئىدى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئالتە ئىلگىرىلا پىلان تۈزۈپ، تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن بۈگۈن ئېچىلغانلىقىنى، مۇزىي تۈسىدىكى بۇ كۆرگەزمىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىدىغان، ھەم مۇخبىرلار بىلەن ئۇيغۇر گۇۋاھچىلىرىنى ئۇچراشتۇرىدىغان بىر مۇنبەر قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەمەرجان، مۇزىي تۈسىدىكى بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولغان تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ھەر زامان ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئالتا ئايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى يەرلىك خەلققە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ھېس قىلدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش، ئاڭلىتىش ۋە خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ زور تىپتىكى كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ياشلاردىن كەۋسەر ئۆمەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كەۋسەر ئۆمەر بۇ كۆرگەزمىدە ھەم سۈرەت ھەم سىنلىق كۆرۈنۈش ھەم ئەمەلىي پاكىتلىق «يولۋاس ئورۇندۇق» دېگەندەك قىيناق ئەسۋابلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قويغانلىقىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەنلەردىن 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنى يېزىپ ئاسقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي ھېس قىلىشى ئۈچۈن بۇ مۇزىينى كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇھىتتىنجان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باش تېما قىلىنغان مۇزېي تۈسىدىكى بۇ جانلىق كۆرگەزمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بىر ئايلىق ئېچىلغانلىقىنى، ۋەزىيەتكە قاراپ ئۇنى ئالتە ئايغىچە ئۇزارتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت