يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ژۇرنالىست مۇھەررەم سارىكايا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

«خەبەر تۈرك» گېزىتىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى، ژۇرنالىست مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم تۈرك ژۇرنالىستلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. مۇھەررەم سارىكايا زىيارىتىدىن كىيىن 17-نويابىر كۈنى «خەبەر تۈرك» گېزىتىدە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى-تېخنىكا ئىنقىلابى ھەل قىلالمىغان بىردىن-بىر مەسىلە» نامىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

مۇھەررەم سارىكايا بۇ قېتىملىق تۈرك ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ماقالىسىدە ئېنىق قىلىپ: «دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كېزىش ۋە خەلققە چۈشەندۈرۈش» دەپ يازغان. مۇھەررەم سارىكايا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى يۇقىرىقى ئېنىقلىمىسىدا ئەسكەرتكىنىدەك «خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قۇرغان تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى خەلققە تونۇشتۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، غەربلىك ژۇرنالىستلارنىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش» مەقسىتى بىلەن روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدىكەن.

ماقالىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن پروفېسسور شۈ جىيەنيىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا-ئافرىقا بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى چىيەن مىنجىيەن قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى ياكى خەلقئارا مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى پەقەتلا تىلغا ئىلىنمىغان. ماقالىدە پۈتۈنلەي خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى كونا بايانلار تەكرارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئىلىۋاتقانلىقى، تېررورلۇق خاھىشى بولغانلارنىڭ تەربىيەلىنىپ جەمئىيەتكە قايتىدىغانلىقى يېزىلغان.

ماقالىدە ئاپتور بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇھەررەم سارىكايىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ سانى ۋە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىغا ئائىت سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا مۇھەررەم سارىكايا ماقالىسىدە تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب» تا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قوۋم ئىكەنلىكىنى رەت قىلغانىدى.

مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ژۇرنالىستلار تەرىپىدىن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. شائىر ۋە يازغۇچى ئوسمان ئوكتاي «خىتاي مۇھەررەم سارىكايانىمۇ بوياپتۇ» نامىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇھەررەم سارىكايانى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان. ماقالىدە مۇھەررەم سارىكايا خىتايدا يەپ ئىچىپ، ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلاردا يىتىپ، خىتاينىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەھنىسىنى كۆرۈپ «خىتايغا ھەيرانلىق قوزغايدىغان» ماقالە يېزىشقا تىرىشقان دەپ تەنقىدلەنگەن.

ئوسمان ئوكتاي مۇھەررەم سارىكايا قاتارلىق يۇقىرىقى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان ژۇرنالىستلارنى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ ۋاسىتىسى بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا سەپەر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. بىز خىتاينىڭ تۈرك ژۇرنالىستلىرىنى پىلانلىق شەكىلدە ئۇيغۇر رايونىغا نىشانلىق زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يازغۇچى ئوسمان ئوكتاي ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئوسمان ئوكتاي ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىشغال ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم سېلىۋاتقان ۋە مۇھىم بىر تۈركۈمىنى لاگېرلارغا سولىۋالغان خىتاي، دۇنيانىڭ ئېتىرازلىرى كۈچەيگەن پەيتتە تۈركىيەنىڭ بەزى گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئالدىن بەلگىلىۋالغان يەرلەرگە زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدى. بېرىپ كېلىۋاتقانلارغا قارىغاندا، مەلۇم مەقسەت بىلەن تاللانغان كىشىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىپ، خىتايغا بارغانلارنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان رەسىملىرى ئۇلارنىڭ ساياھەتكە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى، تېخنىكاسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ھەققىدە توختالغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى›تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشىغان رايونلاردا ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىگە، ھېچقانداق بىسىم ئاستىدا ئەمەسلىكىگە ئىشەنسە زىيارەتلەرگە چەكلىمە قويماسلىقى، رايونغا بارغانلار خالىسا زىيارەتچى، خالىسا ساياھەتچى سۈپىتىدە خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزلىرى تاللىغان ئۆيلەردە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشەلىشى كېرەك ئىدى. بىز بىر قانچە يىل بۇرۇن بىر گۇرۇپپا ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا توختىتىپ قويۇلدۇق ۋە بىزنى ئون سائەتكە يېقىن تۇتۇپ تۇرغاندىن كىيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.»

يازغۇچى ئوسمان ئوكتاي ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا مۇھەررەم سارىكايانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي مۇخبىرلىق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، كەسپىنى سۆيىدىغان بىر مۇخبىرنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن مۇھەررەم سارىكايانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، زىتلىق ئىچىدە ئۆز بايانلىرىنى يالغانغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئوسمان ئوكتاي ئەپەندىم يەنە مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئىلىنغان لاگېردىكىلەرنىڭ «چوڭ جىنايەتچىلەر»، «يېنىك جىنايەتچىلەر»، «جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مەيلى بولغانلار» دەپ ئۈچكە ئايرىلىدىغانلىقىنى، لېكىن مۇھەررەم سارىكاياغا پەقەت ئۈچىنچى كاتېگورىيەدىكىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى مىسالغا ئىلىپ: «ھەقىقىي مۇخبىر بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا باشتىكى ئىككى كاتېگورىيەدىكى ئىنسانلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، رۇخسەت قىلمىسا قايتىپ كېلىدۇ،» دېدى.

مۇھەررەم سارىكايا ماقالىسىدە خىتاي رادىيوسى مۇدىرىنىڭ «تېخنىكامىزغا ئوخشاش ئاۋازىمىز كۈچلۈك ئەمەس» دېگەن سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، يازغۇچى ئوسمان ئوكتاي ئەپەندىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، مۇنداق دېدى: «مۇھەررەم سارىكايا خىتايغا بولغان ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ‹تېخنىكاسىغا ئوخشاش ئاۋازى كۈچلۈك ئەمەس، شۇڭا زۇلۇم قىلمايۋاتقانلىقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرەلمەيۋاتىدۇ،› دېيىشكە تىرىشتى. خىتاي توختىماي ئۆزىگە ئوخشاش مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، يېگۈزۈپ-ئىچكۈزۈپ، ساياھەت قىلدۇرۇپ، سوۋغا-سالاملار بىلەن ئۆزىنىڭ ئاۋازنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان ئىمكانىيىتى يوق. ئاۋازنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلار دەرھال قىيىن-قىستاققا ئىلىنىدۇ، كۆپىنچىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈركىيەدىكى بىزلەر ئۇلارغا ياردەم قىلالمايۋاتىمىز.»

مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۈچلۈك مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغان ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى، مۇخبىر دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندىم تىۋىتتېىردا مۇھەررەم سارىكايانىنىڭ ماقالىسىنى نەقىل ئىلىپ مۇنداق دېدى: «تۆۋەندە خىتاينىڭ پۇلغا تويمايدىغان بەزى تۈرك ژۇرنالىستلىرىنى شىنجاڭ ياكى شەرقى تۈركىستان ھەققىدە يالغان سۆزلەش ئۈچۈن قانداق سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. مۇھەررەم سارىكايا مەن زىيارەت قىلغان يەرلەرگە بېرىپتۇ ۋە خىتاينىڭ تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن ‹مۇھەررەم سارىكايانى لاگېرلار ھەققىدە مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلىمەن›.»

بىز خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسى ۋە خىتاينىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرۇلۇق توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئەھۋالغا بەك ھەيرانمۇ قالمىدىم. يېقىنقى بىر ئىككى يىل ئىچىدە بىر قىسىم مۇخبىرلار بېرىپ ھەققانىيەتنى ۋە رايوندىكى زۇلۇمنى پاش قىلىپ قايتىپ كەلسە، بىر قىسىم ئاچ كۆز، نەپسىگە ئامراق ئازراقلا پۇلغا سېتىلىدىغان كىشىلەر خىتاينى مەدھىيەلەپ يېنىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇرلاردا ‹قاغىمۇ بىلگىنىنى قاقىلدايدۇ› دەيدىغان تەمسىل بار. . . ، تۈركىيەدىكى بىر-ئىككى مۇخبىرنىڭ ۋىجدانىنى قايرىپ قويۇپ، قارىغۇلارچە خىتاينىڭ بەرگەن ئازغىنە پۇلى، ئازراق راھەت تۇرمۇش ئۈچۈن ۋىجدانى ۋە ئىمانىنى ساتىدىغانلارنى جىق كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دۇنيانى ئالدىيالمايدۇ.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ۋە تۈنۈگۈن ئاشكارىلانغان تەكشۈرۈش مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان يەنە بىر تۈركۈم مەخپىي ھۆججەتلەرنى مىسالغا ئىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا رەسمىي جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى دۇنيانىڭ تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بۈگۈنكى بىر ئىككى ۋىجدانسىز، پۇلغا سېتىلغان مۇخبىرنىڭ رېياللىقنى بۇرمىلىشى بىلەن خىتاينىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا مۇھەررەم سارىكايا ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئېلخەت ئەۋەتكەن ئىدۇق، تىۋىتتېىردا زىيارەت تەكلىپىمىزنى تەكرارلىغان بولساقمۇ، زىيارەت تەكلىپىمىزگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرۇلمىدى.

بىز يەنە مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن ژۇرنالىستلاردىن بىرى، «ھىلال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ باش كوئوردىناتورى جۇما ئوبۇز ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق، جۇما ئوبۇز ئەپەندىم سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇھەررەم سارىكايانىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. ھەتتا بۇ ھەقتە خەۋەرمۇ يازدىم. چۈنكى سارىكايا خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى ماقالىسىدە خىتايلاردىن ئاڭلىۋالغان ‹باي-باياشات شەرقى تۈركىستان مودېلى› نى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. لېكىن ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ يەردىكى رېياللىق زۇلۇمدۇر. خىتاي سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەسچىتلەرنى چىقىۋاتىدۇ، ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دېيىلگەن يەرلەردە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارغا دىنىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەن ھەتتا سارىكايانىمۇ بۇ زۇلۇمنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بىر ئىنسان دەپ قارىمايمەن. لېكىن سارىكايا خىتاينىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىشى تىرىشچانلىقىغا ئىشەنگەن. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىق مۇخبىرلار ئۇ يەرلەرگە بېرىپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئەھۋالدا بىر تۈرك ژۇرنالىستنىڭ بۇ قىلمىشنى سادىر قىلىشى چوڭ تەلەيسىزلىك.»

جۇما ئوبۇز ئەپەندىم يەنە ماقالىنىڭ بۇ خىل ئۆلچەمدە يېزىلىشىغا ھەم ئاچچىقلانغانلىقى ھەم كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى توغرا بىلىش نىيىتى بولسا تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلاردىن توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.