«تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق نوپۇزلۇق ژۇرنال ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-12-02
Share
«تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق نوپۇزلۇق ژۇرنال ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنال 143-سانىنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىدى.
RFA/Erkin Tarim

يېقىندا تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە گۈنلۈكۈ» يەنى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق 3 ئايدا بىر قېتىم چىقىدىغان ژۇرنال 143-سانىنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. «شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەدۇر» دېگەن تېما بىلەن يورۇق كۆرگەن بۇ مەخسۇس سان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىگە ئورۇن بەرگەن. ژۇرنالدا ئامېرىكالىق تارىخچىلاردىن مايكل درومپ يازغان «ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يىقىلىشى ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر»، رايان سام يازغان «شىنجاڭدا مازارلارنىڭ مۇقەددەسلىكىگە قارشى ھەرىكەت»، مايكل ك. بروس يازغان «موڭغۇل ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى»، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكۇر داۋىد توبىن يازغان «بىر ھايات-مامات كۆرۈشى: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى: شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى» قاتارلىق ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

بۇلاردىن سىرت يەنە ئابلەت كامالوف، ساندرىنە كاترىس، لائۇرەن رەسترەپو، ئەلىسە ئاندېرسون، ئاينۇر كادىر، راھىلە داۋۇت، ئىشىك قۇشچۇ بوننەنفانت قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماقالىلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيان تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن تارتىپ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈرك جامائىتىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلدى.

تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى تەتقىقات مەركەزلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر خىل ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپ ئورۇن بېرىلمەكتە. «تۈركىيە گۈنلۈكۈ» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 3-قېتىم مەخسۇس سان چىقاردى. بۇ ساندا 15 ئۇيغۇرشۇناس ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، دوكتور شىك قۇشچۇ خانىمدىن سىرت ھەممىسىنىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماقالىسى بولۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ساھىبى دوكتور مۇستافا چالىق ئەپەندى ژۇرنالغا يازغان بېغىشلىمىسىدا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنىڭ باشقا سانلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ساننىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلارنىڭ ئىشق قۇشچۇ خانىمدىن سىرت ھەممىسىنىڭ چەتئەللىك بولۇشىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىكنى تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەب بۇنداق نازۇك مۇھىم مەسىلىنى تۈركىيەدە بەزى كىشىلەر ئىچكى سىياسەتتىكى مەنپەئەتى ۋە قۇرۇق ئىدېئولوگىيە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويدى. ژۇرنالدىكى ماقالىلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمايدىغان جەھەتلەردىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېڭى مەزمۇنلار قوشىدۇ دەپ ئويلايمەن».

«تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللىك بىلىم ئادەملىرىنىڭ ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ مەخسۇس سان قىلىپ چىقىرىلىشىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 2000-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن كېڭەيگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

60 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يازغۇچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۈركىيەدە كۆپرەك سىياسەتچىلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇيدىغان ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەخسۇس ساننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى بىتەرەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ژۇرنال 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» توغرىسىدا، 2019-يىلى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت