فەرىدۇن باخشى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا ھۆكۈمەتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.12.04
فەرىدۇن باخشى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا ھۆكۈمەتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلدا تۇيۇقسىز ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، تۇتۇپ كەتكەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت نامايىشىدا. 2020-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ساقچى خادىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. 20-نويابىر كۈنى ساقچىلار ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىت ھەققىدە سوئال سورىدى. پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى نۇتقىنى مۇنداق باشلىغان: «مەن سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمەن. مەن بۈگۈن 20-نويابىر كۈنى ئاخشام ساقچىلار ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تۇتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز توغرىسىدا ھۆرمەتلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىدىن بىر قانچە سوئال سورىماقچىمەن. بىرىنچىسى، 2016-يىلىدىن تارتىپ يەنى 4 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىت 20-نويابىر كۈنى ئاخشىمى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئايالى ۋە بىر پەرزەنتى بار بولۇپ، ئىستانبۇل ساپاكۆيدە كىچىك بىر تېلېفون سېتىش دۇكىنىدىكى تاپاۋىتى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن. لېكىن ئۇ ھازىر نازارەتخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.»

تۈركىيە ساقچىلىرى ئىستانبۇلدا تۇيۇقسىز ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، تۇتۇپ كەتكەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت نامايىشىدا. 2020-يىلى نويابىر، تۈركىيە.

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇدىن مۇنۇلارنى سورىغان: «ساقچىلارنىڭ ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ ئۆيىنى ‹تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى› دېگەن گۇمان بىلەن بېسىپ كىرگەنلىكى توغرىمۇ؟ ئەگەر تېررور تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت 4 يىل بۇرۇن ئۇنىڭغا مۇددەتسىز تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى بەردى؟ ئۇ 4 يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلدىمۇ؟ ئۇيغۇر تۈركى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، بۇنى توسۇش ئۈچۈن نېمە قىلىسىز؟»

پارلامېنت ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، ئىسكەنجىگە ئۇچرىغان دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ئۈمىد مەنبەسىدۇر. بۇنداق تۇرۇقلۇق 5-6 مىليون سۈرىيەلىك ئەرەبكە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟»

فەرىدۇن باخشى ئەپەندى 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز ئېلىپ، ئاغزاكىي ۋە يازما شەكىلدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلىدىن يۇقىرىدىكى سوئاللارنى سورىغان ئىدى. تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا بىنائەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ خىل سوئاللىرىغا ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فەرىدۇن باخشى ئەپەندى جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى، جاۋاب كەلسە بىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۈتۈۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا كېلىدۇ، دەپ كۈتۈۋاتىمەن. جاۋاب كەلسە، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن، تېلېفون نومۇرىڭىزنىمۇ خاتىرىلىۋالدىم.»

بىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى پروفېسسور ئىلياس دوغان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىت 23-نويابىر كۈنى زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىدىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىنقىلىچ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 22-نويابىر كۈنى ئاخشام كۆرۈشتۈم. مەن ئۇنىڭ بارلىق ماتېرىيالىنى كۆپەيتىپ ئالدىم، بىر قۇر قاراپ چىقتىم. ئۇنىڭ ماتېرىيالىدا ئۇنىڭ مەلۇم بىر تېررور تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ھېچ نېمە يېزىلماپتۇ.»

ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىپى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «23-نويابىر كۈنى مەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماستا ئۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدىم. لېكىن تۈنۈگۈن، يەنى 2-چېسلا بۇ تەلىپىم سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئەمدى تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەرىزنامە سۇنىمەن.»

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇباسىت ئەپەندى 2 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان 12 ياشتىن تەركىب تاپقان «پىدائىيلار گۇرۇپپىسى» ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى ئۇنىڭ تىجارەت ھاياتى ۋە خىتايغا قارشى قىلغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە «پىدئىيلار گۇرۇپپىسى» دا پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئالىمجان ئەپەندى، ئۇنىڭ ھازىر «ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش» ئورنىدا ئىكەنلىكىنى، يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيە ساقچى ئورگانلىرى ھازىرغىچە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىمۇ تۇتۇپ سوراققا تارتىپ قويۇپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.