تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا رەئىسى ھۆكۈمەتنى «خىتايدىن قورقۇپ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.12.15
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا رەئىسى ھۆكۈمەتنى «خىتايدىن قورقۇپ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا بولغىنىدەك بۇ يىلمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ كېيىنكى يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى. 14-دېكابىر كۈنى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى سۆز قىلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇنى «خىتايدىن قورقۇپ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدىڭ» دەپ ئەيىبلىگەن.

دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى» 15-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021-يىللىق خامچوتىنىڭ پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ 2021-يىللىق تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى سۆز ئېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى «ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدىڭ» دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى خىتاي قورقۇشى بېسىۋاپتۇ. كىچىك شېرىكىڭلار خىتايپەرەس ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھېچنېمە دېيەلمەيدىغان بولۇپ قاپسىلەر».

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىدا 14-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يېزىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «ئىيى» پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزۈمدە ‹خىتايدىن بالقانلارغىچە بولغان زېمىندىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز› دېدىم. مەن شۇنىمۇ دەپ قوياي مەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نۇتقىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 39 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قول قويغان بىرلەشمە خېتىگە قول قويمىدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇ، بىرلەشمە خەتكە قول قويمىدۇق، بۇ خەتكە قول قويغان 39 دۆلەتكە قارشى 45 دۆلەت خىتاينى قوللىدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز دەپ خىتايغا بولغان تەنقىدىمىزنى، ئوي-پىكرىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر دائىم ھەر يەردە ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز».

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بۇ مۇنازىرە توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىتايدىن تەلىپىمىز، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتايدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. تىلىمىزغا، دىنىمىزغا ۋە مەدەنىيەتىمىزگە چېقىلمىسۇن. بىز مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايمىز. خىتاي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى دەرھال توختاتسۇن ۋە بۇ دۇنيادا ئەركىن ياشىشىمىزغا رۇخسەت قىلسۇن دەۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تىجارەت مەنپەئەتنى دەپ سۈكۈتتە تۇرۇۋالماي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، پارلامېنتتا تىلغا ئېلىپ قويغان بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس، كونكرېت ئىش قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن».

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى دېگەندەك 1974-يىلىدىن تارتىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بۇرۇنقى «ئىشچى پارتىيەسى» ھازىرقى «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك ئەپەندىنىڭ تەسىرى بارمۇ؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبىن-خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇنداق بىر ئېھتىمالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 2021-يىللىق خامچوتنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نېمىنىڭ بېشارىتى؟ مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا 2021-يىللىق خامچوت مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا 21-ئۆكتەبىر كۈنىدىن 14-دېكابىر كۈنىگىچە داۋاملاشقان تۈركىيە پارلامېنتىدىكى خامچوتنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا 15 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن سوئال سورىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.