سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ تۈرك خەلقىنى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-12-29
Share
سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ تۈرك خەلقىنى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا. 2020-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى 23-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ھاكىمىيەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە بېلەت تاشلىغان خەلقنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

«مۇستەقىللىق» (Independent) گېزىتىنىڭ 23-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەمەل قاراموللائوغلۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيەلەرگە سايلامدا بېلەت تاشلىغان ئاممىنى ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە ئاۋاز بەرگەن قېرىنداشلىرىم، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمغا قارشى ئۆز زېممىڭىزلەرگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىڭلار، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولۇڭلارنى ئۇزىتىشىڭلار كېرەك. سىلەر سايلامدا بېلەت تاشلىغان پارتىيەلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بېسىم پەيدا قىلىشىڭلار كېرەك.»

مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇ پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈستىگە چۈشكەن بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭمۇ، بولۇپمۇ ھازىر ھاكىمىيەتتە بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئۇنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى قوللاۋاتقان خەلق ئاممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە جىددىي بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەتكە ۋە خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. قىسقىسى، بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە زېممىمىزگە چۈشكەن ۋەزپىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. تۈرك جامائەتچىلىكىمۇ ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەك.»

سائادەت پارتىيەسى دىنىي ئەقىدىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى سابىق باش مىنىستىر نەجمەتتىن ئەرباقاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا 8 مۇسۇلمان دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان «8 دۆلەت گۇرۇھى» قۇرۇلغان ئىدى. تەمەل قاراموللائوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشچىلىقىدا بۇ 8 دۆلەتنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆز مەسىلىمىز دەپ كۆرىمىز. لېكىن بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭغا بىرسىنىڭ يول باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك. مەن تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇنى ھۆكۈمەتنى زورلاش ئۈچۈن دېمىدىم، چۈنكى تۈركىيە ئەينى زاماندا D8 دەپ ئاتالغان 8 مۇسۇلمان دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان دۆلەت. ھېچ بولمىغاندا مەزكۇر 8 مۇسۇلمان دۆلەت بىرلىكتە خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرسا ياخشى بولاتتى.»

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى جىددەدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزسە، چوقۇم خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزسە خىتايغا تەسىر قىلالايدۇ. بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭغىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك.»

سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل قاراموللائوغلۇنىڭ تۈرك ئاممىسىنى ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان پارتىيەلەرگە بېسىم پەيدا قىلىشقا چاقىرىشىنىڭ ئۈنۈمى بولارمۇ؟ قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سائادەت پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2009-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۇ پارتىيە 2017-يىلىدىن تارتىپ «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت