«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي كرىزىس، كارانتىن، ئىش ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭ توختىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن خۇددى دۇنيانىڭ كۆپ ئەللىرىدىكىگە ئوخشاشلا تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن قىيىن ئەھۋاللاردا قالغانىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىشقا باشلىدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىئانە قىلىنغان پۇللار تۈرك لىراسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ تارقىتىپ بېرىلمەكتە.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» ياردەم تەلەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىپ چىقىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 1600 ئائىلە بىلەن 400 ئوقۇغۇچىغا ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر «مەركەز» دە د ئۇ ق ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت مەركەزنىڭ 27-ئاپرېل كۈنى ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇلۇپلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىئانە بېرىشكە چاقىرغانىدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 1 مىليون تۈرك لىراسىغا، يەنى 140 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل يىغىلغانىدى. مەزكۇر كرىزىس مەركىزى ئەزاسى نىزامىدىن تەمكىنى ئەپەندى 27-چېسلا 250 ئائىلە ئۇيغۇرغا 500 تۈرك لىراسىدىن پۇل تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، 28-چېسلا بولسا 400 ئائىلە ئۇيغۇرغا پۇل تارقىتىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ياردەملەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا «ماۋى ئاي» ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىدىن تارقىتىۋاتقانلىقىنى، باشقا شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بانكا ھېسابىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بىرىنچى باسقۇچتا پۇل ياردىمى بېرىش قارار قىلىنغان كىشىلەرگە پۇل تارقىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا باشقىلارغا ھەم يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانلارغا ئەھۋال بويىچە پۇل ۋە باشقا ياردەملەر كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆچمەن قوبۇل قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىر 4 مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك، پاكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە ئىراندىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولۇپ جەمئىي 5 مىليون ئەتراپىدا كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا سۈرىيەلىكلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل ياردىمى بەرمەكتە ۋە ئۇلارنى ھەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. لېكىن، ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن ھەقسىز داۋالىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كورونا ۋىرۇسى تۈركىيەدە يامراشقا باشلىغاندىن كېيىن بەزىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، تىجارەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشى تۈپەيلىدىن ئۇلار تۇرمۇشتا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئۇنداقتا «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» ئۇيغۇرلارغا بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ھالدا قانداق ياردەملەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇنداق كەڭ-كۆلەملىك ياردەم بېرىلمىسىمۇ بۇندىن كېيىنمۇ ياردەم تارقىتىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» تارقاتقان ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۆچمەن ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق. ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان دىنىي زات ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ياردەمنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى يېڭىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆپ پەرزەنتى بارلىقىنى، ئايالىنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ساخاۋەتچى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم ئالغان 500 تۈرك لىراسى ياردەم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بىرىنچى باسقۇچتا 996 مىڭ تۈرك لىراسى قىممىتىدە پۇل يىغىلغانلىقىنى، بۇ پۇلنى ھازىرچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ، د ئۇ ق نىڭ يېتەكچىلىكىدە «ۋىرۇس كرىزىسى ياردەم مەركىزى» قۇرۇش توغرىسىدا بىردەك قارار قوبۇل قىلغانىدى. 31-مارت كۈنى بولسا مەخسۇس مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر مەركەزگە پۇل ئىئانە قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانىدى.