خىتاي لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدىكى ئائىلە يېقىنلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ 13-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇل ۋالىيلىقى پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلتىماسلىرىنى ئاخىرىدا تاپشۇرۇۋېلىشقا ماقۇل بولغان.

17 كۈنلۈك پائالىيەت ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ تەلىپى بىلەن ۋاقتىنچە توختىتىلغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈن جەريانىدا لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ ئىلتىماسلىرى داۋاملىق تولۇقلاپ رەتلىنىدىكەن. يىغىلغان ئىلتىماسلار پائالىيەتچىلەرنىڭ تەلەپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. پائالىيەتنىڭ جەريانى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پوزىتسىيەسىگە قاراپ بەلگىلىنىدىكەن.
بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ھەبىبۇللا كۆسەنى ئەپەندىم مۇنداق دېدى:
«تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ۋالىيلىقتىن قېرىنداشلىرىمىزنى چاقىرىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىپىنى ئالىدىغانلىقى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن ئىككى كىشىنى تاللاپ كۆرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قېرىنداشلىرىمىز بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىنىلا سۇنمايمىز. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى جەملەپ ئاندىن تاپشۇرۇپ بىرىمىز دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق ئۇلار بۇنىڭغا ماقۇل بولماي: «مۇشۇ يەردە بولغانلار تەلەپلىرىڭلارنى تاپشۇرۇپ كېتىسىلەر؟» دېدى. بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭغا رازى بولمىدى. چۈنكى بۇ قېرىنداشلىرىمىز پەقەت ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنىلا ئويلىغان ئەمەس، پۈتۈن ۋەتىنىمىزدىكى لاگېرلاردا بىگۇناھ يىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئويلىغانلىقتىن ‹بىز ئۇنداق قىلالمايمىز› دېگەن جاۋابنى بەردى.»
بىز ئەھۋال ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ۋە مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدىن لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى قايتا-قايتا خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلارنى تاپشۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق كونسۇلخانا تا ھازىرغىچە، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ۋە خەلقئارادا ئىستانبۇلدىكى نۆۋەتتە تۇرۇش پائالىيىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە كەڭ قوللاشقا ئېرىشىشى خىتاي كونسۇلخانىسىنى ئىپادە بىلدۈرۈشكە ۋە ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
ئىلتىماسلارنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن تاپشۇرىۋىلىنىدىغانلىقى، ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا ئائىت ئېنىق ھۆججەتنىڭ چىقىرىپ بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمەيدىغانلىقى ۋە ئىلتىماسلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.