ئىگىلىنىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا 60 تىن ئارتۇق تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇغقان يوقلاش، بەزىلىرى تىجارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان كىشىلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇلاردىن بىرى مۇيەسسەر ناسىر بولۇپ، ئۇ ئاكىسى مەمەتئىمىن ناسىرنىڭ ھازىر خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئاكىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيەدە چىقىدىغان «گەرچەك گۈندەم» تور گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 29-مارت كۈنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى (پارلامېنت ئەزاسى) گۈرسەل تېكىن، كۆپ ساندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىق مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن.
پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن، كۆپ ساندا تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئېلىنمىغانلىقىنى، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان كىچىك تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ «دارىلئېتام» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن، «بۇززفەەدنەۋس» خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىدارىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مۇناسىۋەتلىك باش ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار ۋە تۈركىيە پارلامېنتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇمات سۇنغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن مەلۇمات ۋە ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ئەپەندىنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ يېزىق ھالەتتە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان يېزىقلىق تەكلىپلىرىدە: «2019-يىلى 29-مارت كۈنىگىچە خىتايدا ئاقىۋىتى بىلىنمىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ سانى قانچە؟ بۇ پۇقرالىمىزنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى ۋە ياشلىرى قانداق ؟ بۇ پۇقرالار توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا خىتاي بىلەن بولغان كۆرۈنۈشلەردە قانداق بىر قەدەملەر بېسىلدى ۋە قانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشىلدى؟» دېگەندەك سوئاللار قويۇلۇپ جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
گۈرسەل تېكىن، تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنغان يېزىقلىق تەكلىپلىرىدە يەنە: «تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا يوقاپ كەتكەنلىكى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، كىچىك بالىلارنىڭ «دارىلئېتام» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار نېمە ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىدىن ۋە تۈركىيە خەلقىدىن مەخپىي تۇتۇلدى؟ خىتايدا قامالغان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قانۇنسىز مۇئامىلىلىرىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىمىزنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەردىن كېلىپ چىققان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىنىشى توغرىسىدا قانداق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلاردىن بىرى مەمەتئىمىن ناسىرنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان سىڭلىسى مۇيەسسەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەسلى قاغىلىقتىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى 1990-يىلى ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانكەن. 1994-يىلى، ئۇلار ئائىلە بويىچە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. مەمەتئىمىن ناسىر 2007-يىلى قاغىلىققا بېرىپ توي قىلغان ۋە بىر قانچە يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم قاغىلىققا بارغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى قاغىلىقتا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 4 پەرزەنتى بار ئىكەن.
مەمەتئىمىن ناسىرنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان سىڭلىسى مۇيەسسەر خانىم، ئاكىسى مەمەتئىمىن ناسىرنىڭ 2017-يىلى 3-ئايدا قاغىلىققا كەتكەنلىكىنى ۋە 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇنىڭ قاغىلىقتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇيەسسەر خانىم، ئاكىسىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق خەۋپ يەتمەيدۇ ۋە تۈركىيە ئىگە چىقىدۇ دەپ ئىشەنگەنلىكىنى، بىراق ئاكىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇيەسسەر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىلدۈرگەن، ئۇلار بۇ مەسىلە ھەققىدە يول ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بىر جاۋاب ياكى نەتىجە چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان، تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇر يەھياجان قۇربان ۋە ئامىنە ئىسىملىك ئەر-ئايال ھازىر خىتاينىڭ يىغىلىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىزى خانقىز قۇربان «بۇززفەەدنەۋس» خەۋەر تورىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ۋە دادىسى يەھيا قۇربان ۋە ئانىسى ئامىنەنىڭ ھازىر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا قانداق قەدەملەر بېسىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا مەلۇمات بېرىلمەستىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات بەرمەيدۇ؟ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلە بىلەن ئالاقىدار بولۇۋاتامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپالمىغاندىن كېيىن «تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى گۈنگۈر ياۋۇز ئاسلان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
گۈنگۈر ياۋۇز ئاسلان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپ ساندا تۈركىيە پۇقراسى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەدە ياشايدۇ، بەزىلىرى خىتايغا بېرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خىتايغا بېرىپ كېلىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوئال-سوراققا ئۇچرايدۇ. بەزىلىرىنى تۇتۇپ سولاپ قويىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى قانۇن بويىچە تۈركىيە باش ئەلچىلىكى ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەك بولىدۇ، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بۇنداق مەسىلىلەر ئېنىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر بىر كىشىنىڭ جىنايىتى بولمىسا خىتاينىڭ مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگىدۇر. كۆپلىگەن ساھەلەردە خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغان خىتاي تۈركىيە پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىدى.
گۈنگۈر ياۋۇز ئاسلان ئەپەندى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ، خىتايدا تۇتۇلغان تۈركىيە پۇقراسىغا باش ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا يول مېڭىۋاتىدۇ. تۈركىيە قانۇنىي بويىچە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن بىرەر تۈركىيە پۇقراسى پېشكەللىككە يولۇقسا شۇ جايدىكى باش ئەلچىلىك ياكى كونسۇلخانىنىڭ ئۇلارغا ئىگە چىقىش ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى باردۇر».
0:00 / 0:00