«تۈركولوگلار قامۇسى» غا 15 ئۇيغۇر تۈركولوگ كىرگۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاقچاغ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تۈرك دۇنياسى تۈركولوگلىرى» ناملىق قامۇسقا 15 ئۇيغۇر تۈركولوگ كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشقا باشلاندى. ھازىرغىچە بولغان 28 يىل جەريانىدا تۈركىيەدە تۈركولوگىيە توغرىسىدا كۆپ ساندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېچىلغان تۈركولوگىيە فاكۇلتېتلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى، تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى ۋە باشقا چوڭ-كىچىك نەشرىياتلار كۆپ ساندا كىتاب، لۇغەت ۋە قامۇسلارنى نەشر قىلدى. يېقىندا تونۇلغان تۈركولوگ ئەلازىغ شەھىرىدىكى فىرات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئەخمەت بۇران ئەپەندىنىڭ باش تەھرىرلىكىدە تەييارلانغان «تۈرك دۇنياسى تۈركولوگلىرى» ناملىق قامۇس نەشر قىلىندى. ئەنقەرەدىكى ئاقچاغ نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ ئاي نەشر قىلىنغان كىتابقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تۈركولوگلاردىن بولۇپ 430 تىلشۇناس تۈركولوگ كىرگۈزۈلگەن.

قامۇس 2 توم، جەمئىي 1280 بەتتىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر قامۇسقا ئۇيغۇرلاردىن 15 كىشى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار مەرھۇم ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، تۇردى ئەخمەت، غوجائەخمەت سادۋاقاسوۋ، مىرسۇلتان ئوسمانوف، خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن ئايۇپ، لىتىپ توختى، ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇرەئۇپ پولات، مۇھەببەت قاسىم، خالىق نىياز، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبولدى ۋە سۇلتان مەخمۇت قاتارلىق تىلشۇناسلاردىن ئىبارەت. مەزكۇر قامۇستا بۇ، 15 ئۇيغۇر تىلشۇناسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، يازغان كىتابلىرى، ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇلارنى ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى راھىلە قەشقەرلى خانىملار تەييارلىغان.

كىتابنىڭ باش تەھرىرى ئەخمەت بوران ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيەدە تۈركولوگىيە ساھەسىدە كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ تىلشۇناسلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر قامۇسنىڭ تەييارلانمىغانلىقىنى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق بىر كىتابنى تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى تۈركىيەدە تۈرك تىلى يىلى دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ يىل مۇناسىۋىتى بىلەن «چەتئەللىك تۈركولوگلار» نامىدا بىر كىتاب تەييارلىغان ئىدىم. بۇ كىتابقا تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولمىغان ياۋروپالىق، رۇس، خىتاي، كورېيەلىك ۋە ياپون تۈركولوگلاردىن بولۇپ 45 كىشىنى تاللاپ كىرگۈزگەن ئىدۇق. ئۇنى يېزىش جەريانىدا تۈركىيەدە تۈرك دۇنياسى تۈركولوگلىرى، تېخىمۇ تار مەنىدە ئېلىپ ئېيتقاندا تۈرك دۇنياسىدىكى تىلشۇناسلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر قامۇس يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، بۇنداق بىر قامۇس يېزىشقا بەل باغلىغان ئىدۇق. ئىككى يىل ئەمگەك سەرپ قىلىپ تەييارلاپ ھازىر نەشر قىلدۇردۇق».

ئەخمەت بوران ئەپەندى «تۈرك دۇنياسى تۈركولوگلىرى» ناملىق كىتابقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان 15 كىشىنى تاللاپ كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بۇلارنى تاللاش ئۆلچەملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابقا كىرگۈزىدىغان تىلشۇناسلارنى تاللاشتىكى ئۆلچىمىمىز شۇلاردىن ئىبارەت. بىرىنچى تىلشۇناسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەردىن بولۇشى، ئىككىنچىسى ھايات ياشاۋاتقان بولسا 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى، ئۈچىنچىسى تىلشۇناس بولۇشى كېرەك. بىز بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا 430 تۈركولوگنى بۇ قامۇسقا كىرگۈزدۇق».

ئەخمەت بوران ئەپەندى قامۇسنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ خىل قامۇسلار، ئىچىدە نۇرغۇن مەلۇماتلار بار مەنبە كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا تەرجىمىھالىغا ئورۇن بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ كەسپىي تەجرىبىسى، كۆز قاراشلىرى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان تارىخىي شەرت-شارائىتلار، ئېلىپ بارغان تەتقىقات ساپاسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن تىلشۇناسلار يازغان ئەسەرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولغاچقا ئۇ تىل توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ».

ئۇيغۇرلار قىسمىنى يېزىشقا قاتناشقان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تونۇلغان تىلشۇناس مەرھۇم تۇرسۇن ئايۇپ بىلەن ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغانلىقىنى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى تۈركولوگلارنى تونۇش بىلەنلا قالماستىن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىنمۇ خەۋەردار بولالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىلشۇناس ئارسلان ئابدۇللا لاگېرغا سولانغان. ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدا مائارىپ چەكلەنگەن تۈركولوگىيە تەتقىقاتىمۇ توختاپ قالغان، تۈركىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىمەن دەپ لاگېر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بۇ قامۇسقا 15 ئۇيغۇر تۈركولوگنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تونۇلغان تۈركولوگ ھەسەن ئەرەن ئەپەندى تەييارلىغان «تۈركولوگىيە لۇغىتى-چەتئەللىك تۈركولوگلار» ناملىق ئەسەر 1998-يىلى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. كېيىن تۈركىيە 2017-يىلىنى تۈرك تىلى يىلى ئېلان قىلغاندا بۇ يىل مۇناسىۋىتى بىلەن «چەتئەللىك تۈركولوگلار» ناملىق قامۇس تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر قامۇسقا 45 چەتئەللىك تۈركولوگ كىرگۈزۈلگەن.