فىرانسىيەدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان
2021.11.16
15-نويابىر كۈنى فىرانسىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پارىژ شەھىرىدە شېئىر ۋە سۆھبەت كېچىلىكى ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر پائالىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئەدىبلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە تۈركىيە، سۈرىيە، رۇسىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىر مەردان ئەھەتئەلى قاتناشقان. پائالىيەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. پائالىيەتتە، شائىر مەردان ئەھەتئەلىنىڭ «دۆلەت» ناملىق شېئىرى ئۇيغۇرچە ۋە فىرانسۇزچە ئىككى تىلدا دېكلاماتسىيە قىلىنغان.
فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىر مەردان ئەھەتئەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت جەريانىدىن مەلۇمات بەردى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق داۋاملاشقانلىقىنى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتنىڭ فىرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيەدە ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ۋە مۇھاجىرەتتە قىينىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىبلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقنىڭ خەلقئارالىق ئورگان ھەم تەشكىلاتلاردىكى رولىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، قاماقتىكى ئەدىبلەرنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ تۇتقۇن جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نام قازانغان ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ئابدۇقادىر جۈمە ۋە باشقا ئەدىبلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىلەرگە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانىدى.