ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ب د ت نىڭ دۇنيا مۇساپىرلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىر 82 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇساپىرلىق ھاياتىغا مەجبۇر بولغان.

خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاناھلىنىۋاتقان ۋە سەرگەردانلىق ھاياتىغا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، گەرچە خېلى كۆپ ساندىكى كىشى ئوخشىمىغان ئەللەردىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومېتىتلىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەرخىل توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەتتا پاناھلىق تەلەپلىرىنىڭ رەت قىلىنىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ بولسا خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋە قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھازىرغىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، مىسىر، تايلاند، كامبودژا، نېپال، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، گېرمانىيە قاتارلىق بىرقىسىم ئەللەردىن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. تايلاند، تۈركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىلا ئېنىقسىز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلاردا ئورتاق ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.

ۋاشىنگتوندىكى UHRP يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، يەنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ چەتئەلدىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

چاقىرىقتا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات: «كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كۈنسېرى خەتەرلىك ۋەزىيەتكە قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم كۆرسىتىشتە دەرھال قىلالايدىغان ئىشىدۇر» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان دۆلەتكە قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىندى. مەزكۇر باياناتتا يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى بارلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى پاناھلىق ئىشلىرىدا «بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان» مۇساپىرلار قىلىپ بەلگىلەيدىغان قانۇننى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئامېرىكاغا كۆچۈپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق «باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلەرنى ئويلىشىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى پېتېر ئېرۋىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ رەت قىلىنىش ۋە كېچىكىشىدىن باشقا، بەزى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پېتېر ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەرگەن تەۋسىيەلىرىنى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ماسلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز باياناتتا ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشتە، نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردۇق: ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىدا ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ دېلولىرىنى تېزلىتىش. قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى قۇرۇش.

ھۆججەتلەرنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلىرى ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىك، قورقۇتۇش، تەھدىتى، ئۇيغۇر جامائىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش بېسىمىنى توختىتىش.

باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى پېتېر ئېرۋىن، بىزنىڭ «ئامېرىكا باشلىق غەربتىكى بىر قانچە ئەللەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئىلگىرىلىتىشكە تۈرتكە بولدىمۇ يوق؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ ياكى قۇتۇلۇپ چىققان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ پاناھلىنىش رەسمىيەتلىرى ئالاھىدە تېزلىتىپ ھەل قىلىنىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلىمىز، ئەپسۇسكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا باشلىغانلىقىغا تېخى ئەمدىلا 5-6 ئاي بولدى. تېخى يېڭى ھادىسە سانىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ پاناھلىق بېرىش سىستېمىسىدىمۇ تېخى ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق تەدبىر ياكى سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلمىدى. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنى تېزلىتىش ياكى ئىلگىرىلىتىشكە ھازىرچە ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتەلمىدى».

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بىرقىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قېچىپ دېموكراتىك ئەللەرگە چىققان تەقدىردىمۇ، قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغانلىقى سەۋەبلىك ۋە قانۇنلۇق ھۆججەتلىرى تولۇق بولماسلىق سەۋەبلىرىدىنمۇ پاناھلىق مەسىلىسىدە قىينىلىۋاتقانىكەن.

لاگېر شاھىتى ئۆمەر بەكېلى، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ قازاقىستان، تۈركىيەدە سەرگەردانلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇ جايلاردىمۇ ئوخشاشلا ھاياتى تەھدىتتىن قۇتۇلالماي ئاخىرى 4-بىر ئەلدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ گوللاندىيەدە ئىككى يىلغا يېقىن پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنى ساقلاپ تېخى يېقىندا ئايالى ۋە بالىلىرىنى تۈركىيەدىن گوللاندىيەگە ئېلىپ كېلەلىگەنىدى. ئۇ، تۈركىيە، قازاقستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق خىتاينىڭ تەسىر كۈچى بار ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى، ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەندە، ئۇلارنىڭ خۇددى ئۇرۇشتىن قاچقان خەلقلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە جىددىي قۇتقۇزۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

پېتېر ئېرۋىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېقىنقى 5-6 يىل مابەينىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان يۇرتىغا قايتىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، چەتئەللەردىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار كۆپەيدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ باشقا ۋاقىتقا قارىغاندا ئالاھىدە ئاشقانلىقى مەلۇم. ئەمما يېقىنقى يىللاردا پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ يەنىلا كېچىكىۋاتقانلىقى بىزنى ئەندىشىلەندۈرىدۇ ۋە يەنە تۈركىيە، تايلاند قاتارلىق ئەللەردىكى مۇساپىرلار ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلغىنى يوق. ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر ئەلدىن بولسىمۇ پاناھلىققا ئېرىشىش مەسىلىلىرىنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

پېتېر ئەپەندى: «ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشى خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە: «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغان بۇ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتلەر خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە ئەسلى تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىشى كېرەك ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىش زۆرۈر» دەپ تەكىتلىدى.