ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتى: «ساياھەت شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىمەسلىكى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئامېرىكادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP) 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا، خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىشى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى يۆگەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ سەۋەب بىلەن ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى يوق قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بېرىشنىڭ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىگەن يەتتە خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتىنى بايقىغانلىقىنى دېدى. ئۇ بۇ شىركەتلەرنىڭ پائالىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە ياردەم قىلغانلىق ئىكەنلىكى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىمەسلىكى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:

«بىز ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەيدىغان خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنى ئىزدىدۇق. بىز يەتتە خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتىنى بايقىدۇق. بەلكىم بۇنداق شىركەتلەر ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ساياھەت شىركەتلىرى خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنىڭ (دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ) ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى، كۇچا، تۇرپان، قەشقەر ۋە باشقا يەرلەرگە ساياھەت قىلىشنى تەشكىللەيدۇ. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن جايلار ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بۇ ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتمەسلىكى ۋە ساياھەت تەشكىللىمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار بۇ پايدىلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلىغا تېگىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بەلكىم پايدا دۆلەت بىلەن چېتىشلىق تەشكىلاتلارغا ياكى شىركەتلەرگە كېتىشى مۇمكىن. ئۇلارنى قوللىشى مۇمكىن. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ئۇلار بۇ ساياھەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ دوكلاتنىڭ قانداق شارائىتتا ۋە نېمە مەقسەت بىلەن يېزىلغانلىقى ھەققىدە سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «بىر قىسىم خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە ھەمنەپەس بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىڭ سىياسىتىنى قوللاۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنى توختىتىش مەقسىتىدە بۇ دوكلاتنى تەييارلىدۇق» دېدى.

دوكلاتتا: «بىر قىسىم غەرب ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايىتىگە كۆز يۇمۇشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇلىيە مىلساپ (Julie Millsap) بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىتەرەپ دەپ قارايدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىتەرەپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ساياھەت شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىتەرەپ دەپ قارايدۇ. لېكىن ئۇلار بىتەرەپ ئەمەس. ئۇلار بۇ رايوندا ئىشلارنىڭ نورمال ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلارغا تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. شۇنداقلا قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارغا سەلبىي تەسىر قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتكە سەلبىي تەسىر قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن ھەقىقىي ئارىلىشىش ئەركىنلىكى يوق. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرگەنلىرىنى ۋە تارتقان رەسىملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۇلارنى كۆرۈشكە يول قويۇلىدۇ. بۇ، ھاياتنى نورمال تەسۋىرلەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردىكى ھايات نورمال ئەمەس».

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بەزى ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارغاندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئۇلار ساياھەتچىلەرنى كۈتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆزى خالاپ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ زورى ۋە بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ».

زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرىنى چاقىرالمايۋاتقان ۋە كۆرۈشەلمەيۋاتقان ئەھۋالدا، چەت ئەلدىن بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشى مۇناسىپ ئەمەس. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ.» دېدى.

ئۇنداقتا بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى ۋە قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلدى؟ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئىرۋىن (Peter Irwin) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىنچېپت ساياھەت شىركىتى ۋە گو ئەۋەي ساياھەت شىركىتى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز بىر قانچە شىركەت بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بىز ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان گاردىئان(مۇھاپىزەتچى) بىر قانچە شىركەت بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇلارنىڭ ئىككىسى، يەنى ئىنچېپت ساياھىتى ۋە گو ئەۋەي ساياھەت شىركىتىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللەشنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى. ئۇلار ھەر ئىككىسى توربېكەتتىن ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان بارلىق ساياھەت ئۇچۇرلارنى ئېلىۋەتتى. باشقا ئىككى شىركەتنىڭمۇ جاۋابلىرى بار. بامبۇك ساياھىتىدىن بىر ئىنكاسى كەلدى. تىۋىتتېر دا ياۋا چېگرا دېگەن شىركەتمۇ ئىنكاس بىلدۈردى. بۇ جاۋابلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئېتىراپ قىلمايمىز ياكى قوللىمايمىز دەيدۇ. ئەمما بىز ساياھەتنى ئىجابىي دەپ قارايمىز. ئۇ يەرلىك خەلقلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ. ئۇلار ساياھەتچىلەر يەرلىك خەلقنى كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئىجابىي تەسىر بار، دەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىزدە ھېچقانداق پاكىت يوق.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەشكىللەيدىغان ساياھەت پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. لېكىن خىتاي نۆۋەتتە ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تەرەققىيات ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.