18 دۆلەتنىڭ 12-ماي كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىنىدا خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ب د ت نى ئالاھىدە تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەكشۈرۈشكە ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان بۇ جىنايەتكە تەدبىر قوللانماسلىقى ئۇنىڭ رولى ۋە نوپۇزىغا دەخلى يەتكۈزىدىكەن.
12-ماي تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ب د ت تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار زور ۋەقە بولۇپ، مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، سلوۋانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىنغا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، قانۇنشۇناسلار، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق مېخانىزملارنى ئئىشلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.
يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ئۈچۈن بىر سىناق» ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش سېكرېتارى ئاگنېس كالامارت خانىم مۇنداق دەيدۇ:«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى خىلاپلىق قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ئۈچۈن مۇھىم بىر سىناق. بۇ 55 ئەزا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىگە سادىر قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋە ئىشەنچلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى رولىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ قىلمىشنىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور. ئەگەر ب د ت بۇنى تەكشۈرۈشكىمۇ قابىل بولالمىسا، بۇ ئۇنىڭ ھەرقانداق بىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش قابىلىيىتىگە بولغان گۇمانىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.»
ئاگنېس كالامارتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىسا، ب د ت يىراقتىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. بىراق ئاگنېس كالامارت ب د ت سېكرىتارىياتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ:«قانداقلا بولمىسۇن شىنجاڭدىكى خىلاپلىق قىلمىشى ب د ت تەرىپىدىن ئوچۇق ۋە ئاممىغا ئاشكارا رەۋىشتە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. كېننېس رۇس تەكىتلىگەندەك ئەگەر ئۇ يەرگە بېرىش مۇمكىن بولمىسا يىراقتىن تەكشۈرۈلۈشى لازىم. بىز ب د ت سېكرىتارىياتىنىڭ ھەرىكىتىدە كۆرگەندەك سۈكۈت قىلىش، قورقۇش ۋە دېلىغۇل بولۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننېس رۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى شىددەتلىك ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنداق ئازىيىشنىڭ ب د ت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە رىۋاندادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.
كېننېس رۇس مۇنداق دېگەن:«ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ رايوندىكى خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا چۆچۈتەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكى، 48 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئازايغانلىقى ھەققىدە دوكلاتلار چىقتى. بۇ ب د ت نىڭ ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە. ھەتتا بۇ ئەھۋال سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە رىۋاندادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا خىتاينىڭ پۈتۈن بىر خەلقنى نېگىزلىك ئىنسان ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشتەك بۇ قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان.
كېننېس رۇس: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا بۇ ئومۇمىي ۋەھشىيلىكنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، بۇ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نېگىزلىك ئىنسان ھەقلىرىدىن غەرەزلىك مەھرۇم قىلىپ جازالاش، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى يوقىتىش قىلمىشى، دەپ ئېلان قىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش، دەپ ئاقلىسىمۇ، بىراق بۇ پەقەت بىر باھانە ئىكەن.
يىغىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇتەخەسسىسى فېرناند دې ۋارېنېس رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەر ب د ت نىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، بىراق خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن يول قويمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نىڭ بۇ جەھەتتىكى مەۋجۇت مېخانىزملىرىنى تونۇشتۇرغان.
فېرناند دې ۋارېنېس مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت نىڭ مېخانىزم قۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنىڭ ئۆرنىكى بار. بۇنىڭدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارمىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىش ياكى ب د ت ئومۇمى يىغىنىنىڭ خەلقئارا تەرەپسىز تەكشۈرۈش مېخانىزىمىنى قۇرۇش مۇمكىن. شۇنىڭدەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئارقىلىقمۇ سىرىلانكا مەسىلىسىدە قىلغاندەك خەلقئارا پاكىت توپلاش ياكى دەلىل توپلاش مېخانىزمى قۇرۇشقا بولىدۇ.»
ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭچە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدىكى بۇ شىكايەتلەرنى كۆرۈشى، مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدە بولسۇن ئۇزىنى قوغدىيالمايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئوخشاش قوغدىشى كېرەك» دېگەن.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى 4-5 يىل مابەينىدە ب د ت نى قەتئىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھېچقانداق كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ھېچقانداق كونكرېت بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدى. بىر جىددىي قارارنامىمۇ ماقۇللاپ باقمىدى. ئالاھىدە يىغىنمۇ چاقىرىلمىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا رايوندا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالانمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن بەزى ھۆكۈمەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارا قوللىدى. بۇ دۆلەتلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن نومۇس قىلىشى كېرەك.»
دولقۇن ئەيسا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ب د ت باش كاتىپى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ، بۇ تەدبىرلەر«كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشى ۋە خىتايغا مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى تەيىنلىشىنى، بولۇپمۇ ب د ت ئالى كومىسسارى ئۆزىنىڭ يىراقتىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىدۇ» دېگەن.
بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىلىمۇ سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلاپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئېگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي «بۇنداق يالغان ۋە گۇناھكار، دەپ ئەيىبلەش ئاساسىدىكى تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرىدىكەن.» خىتاي ۋەكىلىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشى ۋە سۆز قىلىشى كىشىلەرگە تاسادىپىيلىق تۇيۇلغان.
چۈنكى، خىتاي تەرەپ بۇنىڭ ئالدىدا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى.