ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ پارىژدىكى ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن «ھەممەيلەن ئۈچۈن تىل تېخنىكىسى (LT4All 2025)» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا سۆزلىمەكچى بولغان سۆزى تۇيۇقسىزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىن 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن. بۇ يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ رەسمىي تور بېتىدە دېيىشىچە، 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىل تېخنىكىسى يىغىنى «تىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىنى مەركەز قىلىدىكەن. بۇ يىلقى يىغىن جەمئىيەتنى كۈچەيتىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۈپىتىدە تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىل تېخنىكىسىدىن مۇمكىن قەدەر ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

«ھەممەيلەن ئۈچۈن تىل تېخنىكىسى» يىغىنىنى تەشكىللىگۈچى كومىتېت ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ۋە «ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى باش ئىشتابىغا كەلگەن. ئۇ بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئالاقە تېخنىكىسى» تېمىسىدا سۆزلەشكە رۇخسەت ئالغان. يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى ئابدۇۋەلىنىڭ تېمىسىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، نۇتۇق تېكىستىدىكى بەزى سۆز-جۈملىلەرنى «سىياسىي خاھىش كۈچلۈك» دەپ قاراپ، ئۇلارنى چىقىرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەپسۇسكى، كۈتۈلمىگەندە مەزكۇر يىغىنىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى يىغىنغا 13 سائەت قالغاندا ئابدۇۋەلىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئەۋەتكەن ئېلخەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«ھۆرمەتلىك ئابدۇۋەلى، بىز بۈگۈن كەچتە سىزنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇ قارار بىزنىڭ كونتروللۇقىمىزدىن ھالقىپ كەتتى. بىز بۇنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىگەن بولساقمۇ، ئەپسۇس، بۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىدۇق. كەچۈرۈڭ، ھازىر بىزنىڭ باشقا ئامالىمىز يوق».

بىز ئابدۇۋەلىدىن نېمە يىغىن كومىتېتىنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۇ يىغىندا سۆزلىمەكچى بولغان «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئالاقە تېخنىكىسى» ناملىق دوكلاتىنى سۆزلەشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە خىتايدىن كەلگەن ۋە ئۆزىنى خىتاي تىلى پائالىيەتچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىرى، خىتايدا بارلىق تىللار ۋە دىيالېكتلارنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدا تىل مۇزېيىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. مەن ئۇنىڭدىن خىتاي تىل مۇزېيىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ۋە خىتايدا تىل پائالىيەتچىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى سورىدىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر تىلى پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 15 ئاي خىتاي تۈرمىسىدە ياتقانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن خىتايدىن كەلگەن ۋەكىلدىن يۇقىرىقى ئىككى سوئالنى سورىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار مېنى يىغىندا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلمىدى. مەن تەھدىت ھېس قىلدىم ۋە ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم».
بىز «ھەممەيلەن ئۈچۈن تىل تېخنىكىسى» ناملىق يىغىننىڭ تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى باش ئىشتابىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلدۇق، ھالبۇكى ئۇلار تېلېفۇن ۋە ئېلخەتلىرىمىزگە جاۋاب قايتۇرمىدى
«ھەممەيلەن ئۈچۈن تىل تېخنىكىسى» ناملىق بۇ يىغىنىغا ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا قۇرۇلۇشلار، دۆلەت ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلمىي ئىنستىتۇتلار، تىل تېخنىكىسى تەتقىقاتچىلىرى، تىلشۇناسلار، سانائەتچىلەر، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىل تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.
بۇ قېتىملىق يىغىندا تىللارنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ھالقىلىق رولى، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئالاقىگە بولغان تەسىرى، تېخنىكىنى ئىشلىتىپ شەخسلەرنىڭ ئىقتىدارىنى قوللاش ۋە ئاشۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇزاكىرە قىلىنغان. ئالدىنقى قېتىملىق «ھەممەيلەن ئۈچۈن تىل تېخنىكىسى» يىغىنى 2019-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ پەرقلىق تىل گۇرۇپپىلىرىنىڭ تىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەشەببۇسى مۇھاكىمە قىلىنغان ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى رايوندا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ باھالىغانىدى.