خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 19-سېنتەبىردە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان «يېڭى دۇنيا شىنجاڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيى» نىڭ تاماملانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ما شىڭرۈي باشلىق ئەمەلدارلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان.
بۇنىڭدا ھەممىدىن بەكرەك دىققەت تارتىدىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ سابىق باش دىرېكتورى، ياۋروپا ئاسىيا مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irina Bokova) نىڭ مەزكۇر مۇراسىمدا پەيدا بولۇشىدۇر. ئۇمۇ مەزكۇر يېڭى مۇزېيىنىڭ تاماملىنىشىنى تەبرىكلەپ سۆز قىلغان ھەمدە «شىنجاڭنىڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنىڭدەك يىپەك يولى بويىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بىز شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ ئىناق ۋە رەڭدار گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىمىز» دېگەن.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئىرىنا بوكوۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ باش ئىجراچىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازلار بىلەن بىر مەيداندا كۆرۈنۈشى، ھەتتا خىتاينىڭ «يېڭى دۇنيا شىنجاڭ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيى» نىڭ تاماملىنىشنى تەبرىكلەپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئوچۇق ئاشكارا بايانات بېرىشى، ب د ت ۋە ئۇنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قاتارلىق تارماقلىرىدىمۇ خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى، دەپ قارالماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شۈيموگو) رايونىدىن ئورۇن ئالغان بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 13000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىناكارلىق لايىھەسى ئۈچۈن خىتاينىڭ مېمارچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ پۈتكۈل قۇرۇلۇشتا قويۇق خىتاي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» پۈتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام-مەشرەپلىرى، تۇرمۇش مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى كارىز ۋە ئەنئەنىۋى ھويلا-ئارام كۆرۈنۈشلىرى، قازاقلارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇ سارايغا قاچىلىنىدىكەن، شۇنداقلا خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا UNESCO تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئەمەلدارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ دەرىجىدە ئاشكارا قوللاش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكى خىتاي بولۇپ، UNESCO نىڭ 2020-يىللىق خامچوتىنىڭ 15 پىرسەنتىدىن كۆپىنى خىتاي تەمىنلىگەن. شۇڭا خىتاي UNESCO غا ئەزا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا دائىر ئەندىشە ۋە تەنقىدلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ كەلگەن.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى پىروفېسسورى رەيچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم UNESCO نى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشقا كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئىرىنا بوكوۋا گەرچە UNESCO نىڭ سابىق باش دىرېكتورى بولسىمۇ ئەمما ياۋروپا ئاسىيا مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك يوقىتىش تەدبىرلىرىدىن تولۇق خەۋەردار دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ پىكرىچە، ئىرىنا بوكوۋانىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇشىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەنمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«UNESCO نىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەكىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ ھال ئەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ۋەزىپىسى بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەكسىنچە ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۆتكەن ئالتە-يەتتە يىلدا ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ، كىشى مەمنۇن بولغۇدەك بىر جاۋابقا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ UNESCO نى سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. »
رەيچېل ھاررىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى دوكلاتىدىنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئىككى يىل ئاۋۋال بىز بىز ئۇيغۇر كىشىلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، UNESCO ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان ‹مەشرەپ› نىڭ داۋاملىق يوقىتىلىۋاتقانلىقى، مەشرەپ پائالىيىتىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ھەتتا مەشرەپ يىگىت بېشىلىرىنىڭمۇ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان ئىدۇق. بىز بۇ دوكلاتنى UNESCO غا سۇنۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ دوكلاتىمىزدا ئېيتىلغان نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىنتايىن پاسسىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ‹شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى› دىن شۇنى كۆردۇقكى، دوكلاتتا UNESCO غا سۇنۇلغان مەزمۇنلاردىن مەشرەپ ۋە مۇقاملارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىشلاردىن ئۇلار قىلچىمۇ ئەندىشە قىلمىغان، دوكلاتتىمۇ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىلغا ئېلىنمىغان. كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، UNESCO ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتلەرنى قوغداشتىكى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىدى ۋە قىلمايۋاتىدۇ» .
مەلۇم بولۇشىچە، UNESCO يەنە ئۇيغۇر مۇقامى بىلەن مەشرەپنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن 2008-يىلى تۇرپاندىكى كارىزنىمۇ «نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى» غا نامزات قىلىپ بېكىتكەن. ئەمما ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق ئىش قىلمىغان.
بىز ئىرىنا بوكوۋانىڭ خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىشى ھەققىدىكى پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن UNESCO نىڭ نيۇ-يورك ئىشخانىسىنىڭ تاراتقۇ ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەمما ئۇ سوئالىمىزغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ ئىككى كۈنگىچە ئۇلاردىن ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشەلمىدۇق.
«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا بۇلتۇر سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان UNESCO ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە بۇرمىلاش ئۈچۈن UNESCO دىن قانداق پايدىلانغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى تارىخىي مىراسلارنى خىتايغا تەۋە قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كۆزىتىش مۇنبىرى (UN Watch) نىڭ جەنۋە ئىشخانىسى خادىمى لۇئىس پېلەز (Luis Pelaez) ئەپەندى، UNESCO نىڭ سابىق مەسئۇلى ئىرىنانىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىققان «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» نى تەبرىكلىشىنىڭ نېمىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھال كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. مەن بۇنى UNESCO نىڭ خىتاينى بىۋاسىتە قوللىشى دەپ ئېيتالمىساممۇ بۇ ھەرىكەت ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان سىگنال، شۇنداقلا خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان مىساللارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەمەلدارلاردىن ئەلۋەتتە تەشۋىقات سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت ياكى خىتاينىڭ بۇ يەردىكى ئىستراتېگىيەسى، يەنى ‹شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مۇزېيغا مەلۇم جىسىم سۈپىتىدە قويۇلۇپ كونترول قىلىشقا بولىدىغان تارىخقا ئايلىنىدۇ› دەيدىغان مەقسىتى ئۇلارنىڭ ‹شىنجاڭنى مۇزېيغا قويۇش› دەيدىغان سۆزىدىن ئېنىق شەرھلىنىدۇ.»
لۇئىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى يەنە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بەزى ب د خادىملىرىنىڭ خىتاينى قوللاش مەزمۇنىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدىنمۇ مەلۇم. ئۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىلدىكى «خىتاي مەستانىلىقى» غا جور بولۇۋاتقانلار قاتارىدا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ئېلىنا دوخاننى مىسال ئالدى.
ئېلىنا دوخان 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىپ، خىتاينى مەدھىيەلەش ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەش مەزمۇندىكى بىر قاتار يازمىلارنى ئېلان قىلغان. خىتاي بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق خىراجەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. لۇئىس مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە سۆز قىلغاندا بىز ئۇنىڭدىن «ئۇنداقتا ب د ۋە UNESCO دىن يەنە ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى بارمۇ؟» دەپ سورىدۇق. لۇئىس بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان، شۇنداقلا كەلگۈسىگە قاراڭغۇ سايە تاشلايدىغان بىر رېئاللىق. ئەمما، مېنىڭچە ئۈمىد بار. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسى بۇ يىغىندا ۋە ياكى ئالدىنقى يىغىندا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلمىدى. دېمەكچىمەنكى، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تالاش-تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان› دىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭ ھەققىدە مۇنازىرە بولمىدى، شىنجاڭغا بولغان قىزىقىش ئازايدى. شۇڭا دۇنيانىڭ دىققىتى بۇ مەسىلىدىن بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقاندا بىزنىڭ، شۇنداقلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا نۇرغۇن مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويىمىز. مەن ئۈمىدۋار بولۇشنى خالايمەن. ئۈمىد بولغاندىلا ئۇيغۇر خەلقى قەيسەرلىك بىلەن داۋاملىق ئۆز ئاۋازىنى ياڭرىتالايدۇ! »
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە تايىنىپ، ب د ت غا ئوخشىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنى مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەمدە بەزى «نەتىجە» لەرگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى غەرب دۇنياسىدا خىتاينىڭ بۇ خىل دۇنياۋى زومىگەرلىكىگە چەك قويۇش ھەمدە ئۇنى توسۇش يولىدا بىر دۇنياۋى بىرلىكسەپ تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
