ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۇمانلىق ئورۇنلار سىستېمىلىق بىر گەۋدىمۇ؟(3)
2021.05.04

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ كۈزىتىشىچە، 燕儿窝片区 يەنى قارلىغاچلىق مەھەللە رايونى تەۋەسىدە ھەربىي گازارمىغا يانداش سېلىنغان بىرلا لاگېر بولۇپ قالماستىن بۇ رايوندا خوڭيەنچى كۆلىگە يېقىن جايدا يەنە بىر لاگېر بارلىقى مەلۇم بولغان. 2017-يىلىدىن باشلاپ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان گوگول خەرىتىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، «خوڭيەن كىيىم-كىچەك باغچىسى» دەپ يېزىلغان بۇ جاينىڭ 2018-يىلىدا، ئەسلى بىر لاگېر تۈسىنى ئالغان ئىچ ۋە سىرتقى قورشاۋ تاملىرى بولغان، ئېگىز كۆزىتىش مۇنارلىرى بار لاگېر ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدىكەن.
ئەمما 2020-يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن بۇ لاگېرنىڭ تاملىرى ئۈستىدىكى تىكەنلىك سىم-توسۇقلار ئېلىۋېتىلىپ، قورشاۋ تام ئوتتۇرىسىدىكى 5 قەۋەتلىك بىناغا «خوڭيەن كىيىم-كىچەك باغچىسى» لوزۇنكىسى ئېسىلغانلىقى ئېنىق كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ لاگېرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
ئىلگىرى لاگېر ئەمما كېيىن يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنغان ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئورۇن ھەققىدە ئىلگىرى چەتئەل مۇخبىرلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى. «لوس ئانژېلېس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەلىس سۇنىڭ 2020-يىلى 17-دېكابىر تارقاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۈرۈمچىدىكى دەل مۇشۇ ئورۇن ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

مەزكۇر خەۋەرگە يەنە يانفون ئارقىلىق تارتىلغان بىر قانچە سېكۇنتلۇق بىر ۋىدىيومۇ قىستۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاق رەڭلىك قورشاۋ تاملىق قورۇنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇت بىناسى، كۆزىتىش مۇنارلىرى ئېنىق كۆرۈنگەن. ۋىدىيو ئىككى ساقچىنىڭ جىددىيلەشكەن ھالدا مۇخبىرغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.
بۇ ۋىدىيونىڭ ئاستىغا «2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى گۇمانلىق سابىق لاگېر ئورنىنى سۈرەتكە ئېلىشنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ئەمگەك ئەسلىھەلىرىگە ئۆزگەرتىلدى» دېگەن چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
«لوس ئانژېلېس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۇقىرىقى تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارغان مۇخبىرى ئەلىس سۇ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ «خۇڭيەن كىيىم كېچەك باغچىسى» غا بارغىنىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكنى سورىدۇق. ئۇ يازما جاۋابىدا شۇ كۈنىدىكى ۋەقەنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «ئۈرۈمچىدىكى ئۇ جايدا بىر لاگېر بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، بىز تاكسى شوپۇرىغا ج پ س خەرىتىسىدىكى يېقىن ئەتراپتىكى كۆكتات توپ سېتىش مەركىزىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتۇق، ئۇ يەرگە بارغىچە غايەت زور قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق، تاكسى بىزنى ئۈرۈمچىنىڭ سەل سىرتىغا جايلاشقان بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەرگە بارغاندا چوڭ زاۋۇت بىناسىغا ئوخشايدىغان بىر بىنانى كۆردۇق. بىنانىڭ ئالدىدىكى تامدا ‹بىز پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىمىز› دېگەندەك شوئارلار بار ئىدى. ئۇ بىنانىڭ ئالدىدا ئېگىز ساقچى مۇنارى بار ئىدى. بىز توختاپ ماشىنىدىن چۈشكىنىمىزدە، 2 ساقچى بىزنىڭ يېنىمىزغا يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى. بىزگە يىراقتىن ئەگىشىپ يۈرۈۋاتقان 2-3 ماشىنىدىنمۇ كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قوپاللىق بىلەن ئاپپاراتلىرىمىزدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى ۋە قايتا-قايتا تەكشۈردى. ئۇلار بەك ئاچچىقلاندى».
«لوس ئانژېلېس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خۇڭيەن كىيىم-كېچەك باغچىسى» نىڭ 2018-يىلدىكى سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىدىن، بۇ قورۇدا يېڭىدىن ياسالغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىچكى تام ۋە ئىمارەتلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان كەڭ سىم رىشاتكا، بىر توسۇق تام ۋە تۆت ئايرىم مۇنار ئورنىتىلغانغا ئوخشاش ئەسلىھەلەر بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەمما ئۇلار 2020-يىلى دېكابىردا زىيارەتكە بارغىنىدا بولسا، قورۇ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىچكى تام ۋە تۆمۈر رىشاتكىلار ئېلىۋېتىلگەن ھەمدە ۋاسكېتبول مەيدانى قوشۇلغان. سىرتىدىكى ئاق تام، خىتاي مەدەنىيىتى گەۋدىلەنگەن نەقىش ۋە رەسىملەر بىلەن بويالغانىكەن.
ئۇلار خوڭيەن كىيىم-كىچەك باغچىسى تورىغا تىزىمغا ئېلىنغان يالغۇز بىرلا شىركەتنى بايقىغان. بۇ «شىنجاڭ بەيلاڭ چېڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، 2020-يىلى نويابىردا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق پايچېكى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى چېڭ جياڭخۇا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرى چېڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پروگراممىسىنى ماختىغان تەشۋىقاتىنى تارقاتقان.
تېلېفون ئارقىلىق «لوس ئانژېلېس ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرىغا جاۋاب بەرگەن چېڭ ئۆزىنىڭ شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇ: «بۇ ھۆكۈمەتكە تەۋە بىر ئورۇن» دېگەن. چېڭ، «مۇخبىرلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز-يوق» دېگەن سوئالغا: «مەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. ئۇ مەخپىي» دېگەندىن باشقا گەپ قىلالمىغانىكەن.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ يېقىنقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن كۈزىتىشىچە، 2019- ۋە 2020-يىللىرى بەزى جازا لاگېرلىرىدا، زاۋۇت سېخلىرى كېڭەيتىپ سېلىنغان ۋە ھازىرمۇ كېڭەيتىلىۋاتقانلىرى مەلۇم بولغان، بەزى لاگېرلارنىڭ قورشاۋ تاملىرىدىكى سىم توسۇقلار ئېلىۋېتىلگەن ۋە سىرتقى قىياپىتىگە لاگېرلىقىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلغانىكەن.
تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خۇڭيەنچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن قارلىغاچلىق مەھەللە رايونىغىچە بولغان بىر يول لىنىيەسى دائىرىسى ئىچىدىكى لاگېر، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى شۇنداقلا، جەسەت تەكشۈرۈش ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى، بىر قانچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئانالىز قىلىپ كۆرۈشى ئۈچۈن سۇنغان ئىدۇق.
ئۈرۈمچىدىكى بۇ دائىرىنى سىستېمىلاشقان بىر گەۋدە دەپ گۇمان قىلىشقا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايىن سام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ دائىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ۋە بىز تەكشۈرگەن مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا ئۆزىنىڭمۇ يەنە بىر چوڭ تىپتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن بىرنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.
رايىن سام ئەپەندىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بايقىشىغا قارىغاندا، قارلىغاچلىقتىكى ھەربىي گازارمىغا يانداش سېلىنغان لاگېرغا يېقىنلا جايدا يەنە بىر ئادەم تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر ئورۇن، يەنى جامائە خەۋپسىزلىك پونكىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇنىڭ ھەربىي گازارما بىلەن بولغان ئارىلىقى 7-8 يۈز مېتىر كېلىدىكەن. پروفېسسور رايىن ئەپەندى قارلىغاچلىق مەھەللە دائىرىسىدىكى ئۆزى كۆزەتكەن مۇھىم نۇقتىلارنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:
«ھازىرچە، ئۈرۈمچىدىكى بۇ لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى دەپ گۇمان قىلغان ئورۇنلارنى ئۇنىڭغا يېقىن ئورۇنلاشقان جەسەت تەكشۈرۈش ئورنى ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى بىلەن باغلىنىشى بولغان بىر سىستېما دەپ يەكۈن چىقىرىشقا تېخى بالدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى بارلىقىنى دەلىللەيدىغان ئېنىق پاكىت يوق. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ، ئېرى ئىشلىگەن زاۋۇتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى بۇ زاۋۇتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم پاكىت، ئەمما يەنىلا، ئۇنىڭ لاگېرنىڭ يېنىغا جايلاشقانلىقىغا قاراپلا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئۇ جايدا ئىشلەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز.
مېنىڭچە بىز يەنىلا، ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرى دەپ گۇمان قىلىۋاتقان بۇ جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەرپا قىلىنغان ۋاقتى ھەمدە ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا قاراپ قاراپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەككە ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز».