ئۇرسۇلا - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە رەئىس بولغان تۇنجى ئايال

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.07.18
Ursula-von-der-Leyen.jpg ئۇرسۇلا ۋون دەر لەيەن خانىم سايلامدا رەقىبلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازانىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىتېتىغا رەئىس بولۇپ سايلاندى. 2019-يىلى 17-ئىيۇل، فىرانسىيە.
AP

6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتتە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنى، ياۋروپا كونسەيىنىڭ رەئىسىنى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى سايلاش سايلىمى قانات يايغانىدى. سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بۈگۈن سەھەر ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان خرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ھەمدە 2013-يىلى 17-دېكابىردىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇرسۇلا ۋون دەر لەيەن خانىم فرانسىيەنىڭ شىتراسبۇرگ شەھىرىدە داۋام قىلغان سايلامدىكى كەسكىن تالاش-تارتىشلاردا ئۆزىنىڭ ناتىقلىق تالانتىنى نامايان قىلىپ رەقىبلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى. ئۇ پارلامېنتتىكى 733 ئەزادىن 349 نەپىرىنىڭ قارشى چىقىشى، 383 نەپىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىتېتىغا رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئۇ 7-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا كومىتېتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ياۋروپا كومىتېتىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ ئاخبارات قاناللىرىدا ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. دىققەتنى تارتىدىغىنى، تۇنجى قېتىم بىر ئايال كىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا لىدېر بولغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇرسۇلا خانىم ئۆزىنى سايلامغا نامزات كۆرسىتىشكە باشلىغاندىلا ئۇنىڭ خىتايغا ئانچە دوستانە بولمىغان بىر كىشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قانات يايغان مۇنازىرىلەردۇر.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان ھەپتىلىك گېزىتى» بۇ يىل 1-ئايدا ئۇرسۇلا خانىمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «خىتاي 21-ئەسىردە دۇنيادا مەركەزلىك رول ئوينايدىغان بىر دۆلەت، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىقتىسادىي، سودا ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە خىتايغا بولغان دىققىتىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم. خىتاي باشقىلار بىلەن مەنپەئەتتە ئورتاقلىشىشنى، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى خالىمايدىغان دۆلەت. ئۇ ئۈنسىز-ساداسىز، قەدەممۇ قەدەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ بارماقتا. خىتاينىڭ ئۇسۇلى؛ باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندىغا ئايلاندۇرۇش بولماقتا. مەسىلەن: باشقا دۆلەتلەرگە قەرز بېرىپ خام ئەشياغا ئېرىشىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولى بىلەن خەلقئارا بازارنى ئىگىلەش ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە قوللاشقا ئېرىشىش» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتايغا بولغان ئىشەنچى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي قەتئىي ئىرادە ھەم ئەقىللىقلىق بىلەن ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ھەتتا بىزنى بىخۇتلاشتۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇ قەدەر دوستانە مۇئامىلە كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى ھەم كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدا توختالغاندا «خىتايلىقلار بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۇزۇن مۇددەت قوبۇل قىلالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىر پۇقراغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ، كىمنىڭ بالىسى قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، كىم ئۆي ئالىدۇ دېگەنلەرگە قەدەر ئارىلىشىپ ھەممىنى كونترولى ئاستىغا ئېلىشى، ھامان بىر كۈنى قارشىلىققا ئۇچرايدۇ» دېگەن.

ئۇرسۇلا خانىمنىڭ خىتايغا بولغان بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيەسى ئۆز ۋاقتىدىلا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغانىدى. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئايلىنىشى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رايىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈرلۈك قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلگەن گېرمانىيەدىن خىتايغا شۈبھە بىلەن قارايدىغان بىر كىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا لىدەر بولۇشى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۈچلۈك ھېسداشلىق قىلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گېرمانىيەلىك كىشىلەردۇر. گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ۋە خىتايغا قارشى تۈرلۈك باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا زور ھەسسە قاتقانىدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرىمۇ گېرمانلار ئىدى. بۇ قېتىم خىتاينى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان گېرمانىيەلىك بىر كىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىدەرى بولۇشى، بىزنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىمىز، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بۇندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك قارارلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى: ياۋروپا كونسەيى، ياۋروپا كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇلمىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىش رولى بولغان رەھبەرلىك ئورگىنى ياۋروپا كونسەيى بىلەن ياۋروپا كومىتېتىدۇر. ياۋروپا پارلامېنتى بولسا قارار بېرىش ئورگىنىدۇر. ياۋروپادىكى ھەرخىل پارتىيەلەردىن سايلانغان پارلامېنتتىكى 733 نەپەر ئەزا ياۋروپا خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورۇنلىرى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرى بىلەن فرانسىيەنىڭ شىتراسبۇرگ شەھەرلىرىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ ئادالەت مەھكىمىسى لۇخەمبۇرگ شەھىرىدە. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 512.6 مىليون، يەر كۆلىمى 4.381.324 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا 24 خىل تىل باراۋەر قوللىنىلىدۇ. 2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.