باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار ھەر قانداق جەمئىيەتتە، ئورتاق مەدھىيەلىنىدىغان يۇقىرى شەرەپكە ئىگە قەھرىمان ئىنسانلاردۇر. ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئادەملەرنى پىداكارلىق بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر ئەنە شۇنداق مەدھىيەلەشكە ئېرىشكەن.
ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى كۆپ قەۋەتلىك ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا 24-نويابىر كېچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا زور ئىنكاس قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىنادىكى ئاساسلىق ئاھالە ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، بىنانىڭ بارلىق ئىشىكلىرى ھەتتا جىددىي قۇتۇلۇش ئىشىكلىرىمۇ سىملار بىلەن باغلانغان ۋە پاياتلانغان بولغاچقا، ئامما ئوتتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز قالغانىكەن.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كېلىپ ئۇزۇنغىچە مەھەللىگە ۋە بىناغىمۇ يېقىنلىشالماي ۋاقىت ئىسراپ قىلغان. ئۇلار 100 كۈندىن ئاشقان قامال تەدبىرلىرى داۋامىدا مەھەللە ۋە قورۇنىڭ كىرىش ئىشىكلىرىگە ئورنىتىلغان توسۇقلارنى بۇزۇش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتقان پەيتتە ئوت بارغانچە ئۇلغىيىپ قەۋەتتىن قەۋەتكە تۇتاشقان، ئوت ئىچىدە قالغان بالىلارنىڭ، ئانىلارنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان، «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازلىرىغا چىدىمىغان بىر قانچە ئۇيغۇر يىگىت ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان.

بىر قانچە نەپەر پىداكار ئۇيغۇر ياشنىڭ قەھرىمانلارچە ئىش-ئىزلىرى سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مېلودىيەلەرگە كىرىشتۈرۈلۈپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالماقتا.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىلىۋاتقان قىسقا ۋىدىيولارنى، خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللاپ، ئوت ئۇچقۇنىدا چاقنىغان بۇ قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلاردىن، ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، بۇ ئوت ئاپىتىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار ھەققىدە تارقالغان ۋىدىيولار كۆپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ جامائەت تەرىپىدىن زور ئالقىشلىنىپ، پاجىئەلەردىن ئازابلانغان ئۇيغۇرلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىزغا بىر ئۇيغۇرنىڭ، بۇ قەھرىمانلارنىڭ «دويىن» ھېسابىدا، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاممىغا قايتۇرغان جاۋابلىرىنى مەنبە قىلىپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ئوت ئاپىتىدە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئىككىيلەننىڭ بىرى ئابدۇللا ئابلەت بولۇپ، ئۇ بەش ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، كېيىن ئوكسىگېن يېتىشمەي ھوشىدىن كەتكەنىكەن. ھازىر داۋالاشتا بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دوۋيىن ھېسابىدا دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى سۈرىتى ئاستىغا «يەنە ئىككى كۈندە دوختۇرخانىدىن چىقىمەن» دەپ يېزىپ قويغانىكەن.
يەنە بىرى ئۈرۈمچى پوچتا ئىدارىسى ماشىنا ئەترىتىدىن ئىمىنجان ئىسىملىك ياش بولۇپ، ئۇ، ئوتنىڭ ئىچىدىن ئۈچ كىچىك بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققانىكەن.
دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدا بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر ياشلىرى يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك، پىداكارلىق ۋە قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە مەدھىيەلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى كادىرلىرىدىكى ئىنسانلىقنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىنغان.

ئوت كەتكەن بىناغا كىرىپ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش جەريانىدا يارىلانغان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ھازىرچە مۇمكىن بولمىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىن، شىۋېتسىيەدىكى راھىلە كامال خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوت ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقنى، ئۇلارنىڭ روھىدىكى مىللىتىگە بولغان مۇھەببەتتىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان قەھرىمانلىق روھى دەپ مەدھىيەلىدى. ئۇ يەنە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئەڭ موھتاج بولۇۋاتقىنى دەل بۇ خىل قەھرىمانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىدىكى پىداكارلىق روھنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى، ئۆلىما تۇرغۇنجان ئاللاۋۇدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئۈرۈمچى ئوت ۋەقەسىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ قەھرىمانلىقلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى ھەم مىللىي روھى يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتنىڭ قەددىنى رۇسلايدىغان، ئىنسانلىق، ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان روھتىن ئىبارەتتۇر» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۈرۈمچى ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوت ئاپىتىنى تېز ئارىدا تىزگىنلەش ۋە بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن بولۇپ، ئوت كەتكەن بىنانىڭ تىنچلىق يولى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 مېتىردىن ئازراقلا ئارتۇق، ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 860 مېتىردىن ئارتۇق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ ئاران 1.3 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بولۇپمۇ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 800 مېتىرلار ئەتراپىدا كېلىدىغان مەزكۇر بىنادىكى بىرقانچە قەۋەتلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوت تۇتۇشۇپ، كىچىك بالىلار، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ئادەمنىڭ كۆيۈپ ئۆلۈشىگىچە ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارمىغانلىقى ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىدى.
دېمەك، ئەنە شۇ ئوت ئاپىتىدە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان بىرقانچە ئۇيغۇر ياش ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپىگە ئۇچرىشىغا قارىماي ئوت ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئادەملەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا رول ئويناپ، مەدھىيەلەشكە ئېرىشكەنىدى.