ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ رايىن-پالاتىنى شىتاتىدىكى موزېل دەرياسى بويىغا جايلاشقان ھاتزېنپورت ساياھەت رايونىدا بىر ھەپتىلىك دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ئەزا بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىش؛ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق ھەم قېرىنداشلىق رىشتىسىنى چىڭىتىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان ئىكەن.
مەلۇمكى، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە مەلۇم كۆلەمدە ۋە مۇئەييەن ساندا ئۇيغۇر جامائىتى ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللىي دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئۆز ئارا داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئارىسىدا مەلۇم پەرق ۋە ئارىلىقلار شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزلىرىگە ئەزا ئائىلىلەر، بولۇپمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق يازلىق تەتىللىك دالا پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ قېتىم گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ 5 كۈنلۈك پائالىيەتكە شىۋېتسارىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ، 15 ئائىلە، 60 قا يېقىن كىشى قاتناشقان.
مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر قاتار ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى مۇھاكىمىلەر ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولۇپ ئۆتكەن. يەنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساھەسى بويىچە كۆپچىلىككە دوكلات بېرىلگەن، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار ۋە باشقا نازۇك ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلار ھەققىدىمۇ مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقان نىشانلىق تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان نىشانلىق تەربىيەلەش پىروگراممىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىراتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن. ئاخىرىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نىشانلىق تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئالاھىدە دوكلات قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇسسۇل مەشىق قىلدۇرۇش، دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دالا ساياھىتى داۋامىدا كەچلىك تاماقتىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلار گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش كۈنىدە كۆپچىلىككە تەقدىم قىلغان.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت بۇ ھەقتىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىگە قاتناشقان ياشلار ۋە بالىلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىلىق تەپسىلىي بىلىم ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىگە ئەنگلىيەدىن كېلىپ قاتناشقان دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندىممۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىگە قاتناشقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ياسىن ئۇلتاشمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5 كۈنلۈك دالا پائالىيىتىنىڭ تولىمۇ كۆڭۈللۈك ۋە مول مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكەنلىكىنى، ياۋروپادىكى ھەرقايسىي دۆلەتلەردە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ پائالىيەتتە پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى ئاساس قىلىپ پائالىيەت قىلغانلىقىنى، پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى-جۇغراپىيەسى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
بېلگىيەدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئادىلە ئادىل ئىسىملىك قىزمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يېپىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئەخمەتجان پولات بىلەن ياسىن ئۇلتاشقا، ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ يېتەكچىسى مۇختەر جانبازغا، 5 كۈنلۈك دالا پائالىيىتى جەرياندا يېمەك-ئىچمەككە مەسئۇل بولغان پەرھات ئۇستام ۋە باشقا مېھنەتكەش ئانىلارغا ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق دالا پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلگەن ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.
