ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە كۈنتەرتىپىدە قانداق تۇتۇپ تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى
2024.08.21
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» دا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇش دېگەندەك مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىل 5-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسى، جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرى يېقىنلىرى مۇنبىرى ۋە سەرخىللار مائارىپى قاتارلىق تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم زىيالىيلار قاتناشتى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېڭى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىت قاراخان بۇ يىغىندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم نۇقتىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەمدە بىرلىكتە ئورتاق قىلالايدىغان خىزمەت تۈرلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق، بۇ يىغىندا يەنە تۈركىيەدە ھازىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەسىيىپ مېڭىۋاتقانلىقى، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدىكى داڭلىق كىشىلەرگە، سەنئەتچى، پۇتبولچى ۋە ئارتىسلارغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆپرەك مەلۇمات بېرىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرى ۋە باشقىلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق».
ئابدۇلھەمىت قاراخان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەش مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىرلەشتۇق».
بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مۇنبىرى دېگەندەك بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى مۇزاكىرە قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىگە ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئاساسلىقى يېقىندىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قانداق قىلغاندا تۈركىيەدە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرالايمىز دېگەن نۇقتىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق».
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلىرىدىن ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتە خىتاينى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش جەھەتتە تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى مۇنبىرى مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.