ئابدۇلھەمىت قاراخان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى
2024.08.22
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپە مۇددىتى توشقان بولۇپ، 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ۋەخپە ئىشخانىسىدا يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. سايلامدا ئابدۇلھەمىت قاراخان كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلانغان.
سايلامغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەخپىسىنىڭ باش تەپتىشى دوكتور ئابلەت ئۇيغار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئابلەت ئۇيغار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق سايلام يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى قاتناشقان. سايلام ۋەخپە نىزامنامىسىگە ئاساسەن يوشۇرۇن ئاۋاز بىلەن دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان. سايلام يىغىنغا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، ئاكادېمىيە باش مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئاكادېمىيە باش تەپتىشى دوكتور مەمەت ئېمىن ئەپەندى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تارماقلىرىنىڭ رەئىسلىرى تور ئارقىلىق قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ئابلەت ئۇيغار ئەپەندى، بۇ سايلام توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى: «بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى 21 كىشىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە 2 ئىككى كىشىنىڭ قارشى بېلەت تاشلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى. ئابدۇلھەمىت قاراخاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ 11 كىشىلىك رەسمىي ھەيئەت، 11 كىشىلىك زاپاس ھەيئەت، ئۈچ كىشىلىك رەسمىي نازارەت ھەيئىتى ۋە ئۈچ كىشىلىك زاپاس نازارەت ھەيئىتىدىن تەشكىل تاپقان 28 كىشىلىك باشقۇرۇش ھەيئىتىنى تەشكىللەپ چىقتى.»
ئابلەت ئۇيغار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىدە ئابلەت ئۇيغار رەئىس ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى، دوكتور مەغپىرەت كامال مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، دوكتور پەرھات قەشقەرلى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، تونۇلغان تېببىي دورىگەرلىك ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ ئاكادېمىيە ۋەخپىسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتقان، شۇنداقلا ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنى يېڭى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىگەن.
سايلام ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئاكادېمىيە ئالىي مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم باشچىلىقىدىكى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنى يېڭى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەبرىكلىگەن ۋە ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە 17-ئاۋغۇست كۈنى 28 كىشىلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇپ چىقتۇق، بۇ ھەيئەتلەرنى 5 بۆلۈمگە بۆلۈپ خىزمەت لايىھەلىرىنى تۈزۈپ ئىشقا كىرىشىۋاتىمىز، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بۇنىڭدىن كېيىن باش ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە ئاساسلىقى ياشلىرىمىزنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىل ۋە مەكتەپ دەرسلىرىگە ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەش، ئەنقەرەدە لوبيىچلىق پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ھەم تەرجىمە خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قىلىش ھەققىدە ھەيئەتلەر بىلەن مەسلىھەت ئېلىپ باردۇق، بۇ ھەقتە خىزمەتلىرىمىزنى باشلىدۇق».
ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى 2009-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدىكەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى 2021-يىلى قۇرۇلغاندىن بىرى، ئاساسلىقى ئەنقەرەدە لوبىيچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، تەتقىقاتچى ۋە تاراتقۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.