ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-09-10
Share
tor-yighin-xitay-weziyiti.jpg «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 10-سېنتەبىر.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى كەچتە «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سۆھبەت تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، فېيسبۇك ۋە يۇتۇب تاراتقۇلىرى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

سۆھبەت يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغىلى، باش مەسلىھەتچى پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىلەر قاتناشتى.

سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى، شۇنداقلا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

رىياسەتچى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور شەۋكەت ناسىر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلغان نۇتقىدا ئىنتايىن كۆرەڭلىك بىلەن ھېچ قانداق بىر كۈچنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىنى، ھېچ قانداق بىر كۈچنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىملىق نۇتقىدىن كېيىنلا ۋۇخەندە كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇپ، پۈتكۈل خىتاي ۋە دۇنياغا يامرىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتايدا سودا-سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئايلارچە توختىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ توسالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

سۆھبەت يىغىندا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتايدا كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مىليونلىغان ئىنسانلارنى قاماشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە ئىچ يۈزىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى 2016-يىلىدىن باشلاپ رەقىب ۋە تەھدىت دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ سەۋەبتىن خىتايغا زەربە بېرىدىغان قانۇن ۋە چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى، ئامېرىكىغا كەلگەن ھەر بىر خىتاينى تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇلارغا بولغان قاتتىق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئامېرىكانىڭ دىموكراتچىلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن قايسىسىنىڭ خىتايغا يېقىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ خىتايغا يېقىن ئەمەسلىكىنى، ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ پرىنسىپىدا دۆلەت ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ: «ھەر ئىككى پارتىيە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي بىلەن يېقىن ئەمەس،» دېدى.

سۆھبەت يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول»، يەنى «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەرنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت