ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكىلىكى، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مەشھۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، يېمەك-ئىچمەكلىرىگە ئائىت سىن فىلىملىرىنى «شىنجاڭ» نى تونۇشتۇرۇش نامىدا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەڭ كۆپ تارقالغان سىن فىلىملىرىنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ تائاملىرى» تېمىسىدىكى كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، مەزكۇر فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي تاماقلىرىنىڭ تەۋەلىكى، يەنى ئۇيغۇر خاسلىقى تىلغا ئېلىنماي ھەممىسى «شىنجاڭ» نامى بىلەن ئاتالغان شۇنىڭدەك خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
بۇ فىلىمنى كۆرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر قانداق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى «خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يوقىتىپ مېڭىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ «خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەشۋىق قېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇشلۇق بولغان شىۋېتسىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تاماق مەدەنىيىتىگە ئۆزلەشتۈرۈش تارىخنىڭمۇ ناھايىتى بۇرۇن باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە خىتايلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ داستىخان مەدەنىيىتىمۇ بۇزۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشتىن باشقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىشنى ئاساس نىشان قىلغان. جۈملىدىن ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى ئۇنى خىتاينىڭ قىلىۋېلىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتلىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرى X دە ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن ئاتالمىش «خۇشال ئۇيغۇر» تەشۋىقاتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ھەمبەھىرلىگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەردە «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت ئۇقۇمىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ» دېگەن جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«خىتاي مىللەتلەر گېزىتى» نىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەرلىك نىزام «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ئۇيغۇر رايونىدا تۇنجى بولۇپ ئىلىدا 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بارلىق ئامىللارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.
