«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى 2020-يىللىق تارىلىش نىسبىتى بويىچە قازاقىستاندا ئەڭ ئالدىنقى گېزىتلەر سېپىگە كىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيى» دە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ بۇ يىلدىكى بىرىنچى كېڭەيتىلگەن مەجلىسىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 13-يانۋار.
ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيى» دە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ بۇ يىلدىكى بىرىنچى كېڭەيتىلگەن مەجلىسىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 13-يانۋار.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندا دۆلەت قارمىقىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر تىلىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي-ئىجتىمائىي «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مەخسۇس شتابلار قۇرۇلغانىدى. بۇ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم باشلانما بولۇپ، ئۇنى جاي-جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، زىيالىيلار، ياشلار ئالاھىدە قارشى ئالدى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 60 تىن ئوشۇق مۇشتەرى توپلاش شتابلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇلاردا 600 گە يېقىن پىدائىي سەپەرۋەر قىلىندى.

13-يانۋاردا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق ئۆيى» دە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ بۇ يىلدىكى بىرىنچى كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاكتىپلىرى، زىيالىيلىرى، ياشلىرى، شۇنداقلا قازاقىستاندىكى باشقا مىللەت مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ قازاقىستان خەلقى كېڭىشى تەرىپىدىن سايلانغان ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشلىرى بويىچە ھېسابات بەردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 2020-يىلغا مۇشتەرى توپلاش مەسىلىسى قارالدى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف 2020-يىلغا مۇشتەرى توپلاشتا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئاكتىپلىق، مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېس-تۇيغۇسىنى نامايان قىلغانلىقىنى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلىرى مەدەنىيەت فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف رەھبەرلىكىدىكى شتاب ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭدا چوڭ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا يەنە مۇشتەرى توپلاشتا ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەنلەر قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى، قازاقىستان پارلامېنتى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي يارلىقلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل قازاقىستان دەۋرىدە ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› 15 مىڭدىن ئاشمىغان. بۇ يىلى يەنە كۆپىيىدىغاننىڭ نىشانىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇنىڭ بىرىنچى سانى 16مىڭ520 دانە بىلەن تارالدى. بۇ مۇستەقىل قازاقىستاندا ھېچ قاچان بولمىغان ھادىسە. گېزىتىمىزنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ كېڭىيىشى دۆلەت ۋە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن يۇقىرى باھالاندى.»

ئېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىت ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەتبۇئات ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇشتەرى توپلاش ھەرىكىتىگە بىر گۇرۇپپا ئالىملارنىڭمۇ سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرىنى ئېنىقلىغانلىقىنى، كېلەچەكتە شۇ توپلىغان مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېرشات ئەسمەتوف يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر ئاۋازى›نىڭ قازاقىستاندىكى ئابرۇيى يۇقىرى. ‹قازاق پوچتىسى› مەلۇماتلىرى بويىچە ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› قازاقىستاندا ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان بەش گېزىتنىڭ ئىچىگە كىردى. قازاقىستاندا ‹ئۇيغۇر ئاۋازى» ›گېزىتىنىڭ تارىلىش سانى 16520. ئۇ، ‹قازاق گېزىتلىرى› تەشكىلاتى ئىچىدە تارىلىشى نىسبىتى بويىچە بۇ يىلى بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى. مەن ئويلايمەنكى، ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتى قازاقىستاندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى.»

تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف بۈگۈنكى يىغىندا، بولۇپمۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇشتەرى توپلاش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، گېزىتىمىزنىڭ مەخسۇس مۇشتەرى توپلاش شتابلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىكى، خانىم-قىزلار ۋە ياشلار كومىتېتلىرى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىش يۈرگۈزگەنلىكى نەتىجىسىدە مانا مۇشۇنداق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، دەپ ئويلايمەن. بۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنىڭ، ئىتتىپاقلىقىنىڭ يارقىن بىر مىسالىدۇر. شۇنداقلا بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىز، ئۇيغۇرلارغا، يارىتىپ بەرگەن مۇمكىنچىلىكىنىڭ، ئىمكانىيىتىنىڭ بىر بەلگىسى. ئىككىنچىدىن، مېنى خۇشال قىلغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت تەقدىرىگە بولغان كۆز قارىشى. مىللەت تەقدىرى دېگىنىمىز ئۇ تىلىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، مائارىپىمىزنى ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش. بىز مۇشتەرى توپلاش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان 80 دىن ئوشۇق يېزا ۋە شەھەرنى ئارىلاپ چىقتۇق. قايسى يېزىغا بارمايلى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرىنچى مەقسىتى ئۇ مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەندىشىلىرى بولدى. يەنى بىرىنچى نۆۋەتتە ئانا تىلىمىزدىكى مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش. بۇ يەردە ئېيتىپ كېتىدىغان يەنە بىر نەرسە، بىز قەيەرگە بارمايلى، ئانا-ۋەتىنىمىزدىكى ئەھۋالنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، مىللىتىمىز تەقدىرىنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللۈكىنى ئېيتقىنىمىزدا بارلىقىنىڭ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، بىزنىڭ پىكرىمىزگە ئورتاق بولغانلىقى بولدى.»

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى باش يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كىبىروف ئەپەندى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرى، مەتبۇئاتى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتەرىلەر سانىنىڭ يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن پۈتكۈل يىگىت باشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ئىشلارنى دۇنيا يۈزى ھازىر بىلىدۇ. شۇنى خەلقىمىزگە چۈشەندۈرەيلى، ۋەتىنىمىزدە ئەھۋال شۇنچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، قازاقىستاندا ھۆكۈمەت ھەممە ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرەيلى دەپ ماڭدۇق. سىرتتىن سارىئاغاش، چىمكەنتتىمۇ يىغىنلارنى قىلىپ، مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ كەلگەن.»

يارمۇھەممەت كىبىروف يەنە مۇشتەرى توپلاش شتابىنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرىنى جاي-جايلاردىكى يۇرت-جامائەتنىڭ ياخشى قارشى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭدا بولۇپمۇ يىگىت باشلىرىنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستان كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن 1950-يىللاردا «كوممۇنىزم تۇغى» نامىدا تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگۈچە چىققان، كېيىن بۇ گېزىت «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا ئۆزگەرتىلگەن. مەزكۇر گېزىت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى، ئومۇمەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتى ھېسابلىناتتى.

تولۇق بەت