«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى 2021-يىلى قازاقىستاندىكى ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان بەش گېزىتنىڭ تىزىمىغا كىردى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2019-يىلى قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» جەمئىيەتلىك-سىياسىي گېزىتى يېنىدا جۇمھۇرىيەتلىك شتاب قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە مەملىكەتتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان 60 تىن كۆپ شەھەر، يېزا ۋە مەھەللىلەردە مۇشتەرىلەر شتابلىرىنى قۇرغان ئىدى. مەزكۇر شتابلار ئاھالە ئارىسىدا تەشۋىق-تەرغىب ئىشلىرىنى توختاتماي يۈرگۈزۈپ، نەتىجىدە 2020-يىلى مۇشتەرىلەر سانى 16 مىڭغا يەتكەنىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل قازاقىستاندا مارت ئېيىدىن باشلاپ بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىنىپ، بۇ كۆپلىگەن ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ، ھەر خىل جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ، مائارىپ، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەرنىڭ ئىشىنى خېلىلا قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنىكەن. شۇ جۈملىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلەر شتابى ئىشىنىڭمۇ مۇرەككەپلەشكەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار پەيدا بولۇشقا باشلىغانكەن.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ھەرىكىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىل 15-ئۆكتەبىر، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قەينەزەر يېزىسى.

يېقىندا قازاقىستاننىڭ بىر قاتار ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2021-يىلى ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان قازاقىستان گېزىتلىرىنىڭ تىزىمىنى بەرگەن ئىدى. مەملىكەتتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى «كاز-ئىنفورم» خەلقارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى «قازاقىستانلىقلار ھەممىدىن كۆپ قانداق گېزىت ۋە ژورناللارنى ئوقۇيدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغاندى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «قازاق پوچتا» جەمئىيىتى قازاقىستاندىكى ئەڭ كۆپ مۇشتەرلەر سانى بار بەش گېزىتنىڭ ئىچىگە «ئېگېمېن قازاقىستان»، «كازاخستانسكايا پراۋدا»، «قازاقىستان پولىتسىيەسى»، «قازاقىستان تېمىر جولشىسى» گېزىتلىرى قاتارىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىمۇ كىرگۈزگەنىكەن. ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەلدە 170 جۇمھۇرىيەتلىك ۋە 543 رايونلۇق گېزىتلەر مەۋجۈتكەن.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۇ تىزىمغا كىرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟

بىز جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» جەمئىيەتلىك-سىياسىي گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى بەختىشات سوپىيېفنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

بەختىشات سوپىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2019-يىلنىڭ باشلىرىدا جەمئىيەت ئەربابى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلىرى مەدەنىيەت فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف رەھبەرلىكىدە جۇمھۇرىيەتلىك مۇشتەرى توپلاش شتابى قۇرۇلغانكەن. شۇ يىلى ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە، شۇنداقلا باشقىمۇ ۋىلايەتلەردە 100 دىن ئوشۇق شتاب قۇرۇلۇپ، 600 دىن ئوشۇق ئادەم مۇشتەرى توپلاش ئىشى بىلەش شۇغۇللانغان. نەتىجىدە 2020-يىلغا 5000 دىن ئوشۇق مۇشتەرى قوشۇلغان.

بەختىشات سوپىيېف مۇنداق دېدى: «راست، بۇلتۇر ۋاباغا مۇناسىۋەتلىك بىزدە مۇشتەرىلەرنىڭ سانى چۈشۈپ كېتەرمۇ دېگەن ئەنسىزچىلىك پەيدا بولدى. كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ بېشىنى قوشۇش، يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىدى. كارلىن ئاكا بۇلتۇر يەنە ئىشلەپ بەردى. شتاب ئىشىنى شۇنداقلا داۋام قىلدۇق. شتابلار رەئىسلىرى بىلەن، جاي-جايلاردىكى شۆبىلىرىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىلى جۇمھۇرىيەتلىك شتاب رەئىسلىكىگە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، تونۇلغان مېتسېنات دولقۇنتاي ئابدۇخەلىلنى سايلىدۇق. دولقۇنتاي ئاكا مۇشتەرىلەر سانىنى ساقلاپ قالىمىز دەپ ۋەدە قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە بىر خۇشال بولارلىق نەرسە، ئىككى يىل بۇرۇن ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› قازاقىستاندىكى مۇشتەرى توپلاش بويىچە ئون گېزىتنىڭ قاتارىغا كىرگەندى. بۇ يىلى دەسلەپكى بەشنىڭ قاتارىغا كىردۇق.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى خالمىنەم مەسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› نىڭ بۇ يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان بەش گېزىت قاتارىغا كىرگەنلىكى بىزنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە يېرشات ئەسمەتوف رەھبەرلىكىدىكى گېزىت كوللېكتىپىنىڭ ۋە گېزىت يېنىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىك شتابنىڭ ئېلىمىزدىكى ۋاباغا قارىماي، توغرا ۋە ئەقىل بىلەن ئىش ئېلىپ بارغانلىقىدىن، دەپ بىلىمەن. بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان نەرسە شۇكى، شتاب تەركىبىگە تونۇلغان ئالىملار كىرگەن بولۇپ، ئۇلار گېزىت مۇشتەرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش يولىدىكى تەشۋىق-تەرغىب ھەرىكىتىگە ئاساسلىق تۆھپە قوشتى. يەنى ئالىملىرىمىز جاي-جايلاردا گېزىتكە مۇشتەرى توپلاش مەسىلىسىنى ئىلمىي جەھەتتە تەتقىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باي مەسلىھەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك بۇ باشلانمىنى يەنىمۇ داۋام قىلىش مۇھىم، دەپ ئويلايمەن. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئەھۋالىمۇ كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇۋاتقان ۋە تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر مۇشۇ شەكىلدە ئاھالى بىلەن ئىشلەش، ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنى كۆپەيتىش بويىچە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىنى ئەۋژ ئالدۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئويلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ: «كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان دەسلەپكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا باغلىق مەنىۋىي ھاياتىمىزدا سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھېچ كىم ئۈچۈن سىر ئەمەس. جۈملىدىن خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشقا، گېزىت-ژورناللارغا يېزىلىشقا بولغان ھەۋەسى كەسكىن سۇسلىشىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ قەرەللىك نەشرلەرگە مۇشتەرى توپلاش مەۋسۈملىرىدە ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى» دەپ يازغان. ئۇنىڭدا بۇ يىلى يەتكەن ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىق ئوقۇرمەنلىرىگە ۋە جانكۆيەرلىرىگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنىكەن.