قازاقىستاندىكى «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلىرى 20 مىڭدىن ئارتۇق ساننى ساقلاپ كەلمەكتە

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.01.16
Uyghur-awazi-gezit-01

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-02

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-03

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-04

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-05

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-06

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-07

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-08

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-09

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-10

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-11

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-12

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-13

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2023-يىلى، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-17

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى كوللېكتىپىنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2023-يىل، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-16

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى كوللېكتىپىنىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىل، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-14

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى كوللېكتىپىنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 8-يانۋار، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Uyghur-awazi-gezit-15

ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى كوللېكتىپىنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 8-يانۋار، ئالمۇتا RFA/Oyghan

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىت - «ئۇيغۇر ئاۋازى» نىڭ مۇشتەرى سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ، قازاقىستاندىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ گېزىتلەرنىڭ بىر سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىي ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتەرىلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك زور ساننى ساقلاپ كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ بىر تەرەپتىن، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، گېزىت جانكۆيەرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، «بۇ دېمەككى، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ قوللاش كۈچىدىندۇر» دېدى.

مەلۇمكى، قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانى بولغان مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گېزىت 1957-يىلدىن بۇيان «كوممۇنىزم تۇغى» نامى بىلەن نەشر قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نامى «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا ئۆزگەرتىلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر بۇ گېزىت «قازاق گېزىتلىرى بىرلەشمىسى» گە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھەپتىسىگە بىر قېتىم چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك جەمئىيەتلىك-سىياسىي گېزىت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇشتەرىلەر سانى  16320 گە يەتكەن ئىدى. بۇ يىل، يەنى 2024-يىلى بولسا مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇشتەرى سانى 20 مىڭدىن ئاشقان.

ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «گېزىتىمىز قازاقىستاندىكى ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىدۇ. گېزىتكە بىزلا ئەمەس، باشقا مىللەتلەرمۇ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. گېزىتىمىز مۇشتەرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۆھپىسى زور، مەن ئۇلارنىڭ بۇ روھىغا، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن. گېزىتىمىز كېيىنكى يىللاردا ئېغىر ۋەزىيەتلەرگە، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەچكە، گېزىتىمىزنىڭ تارقىتىلىشىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە بىر ئاز ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭمۇ نەتىجىسى يامان ئەمەس بولۇۋاتىدۇ.»

ئېرشات ئەسمەتوف «تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروفنىڭ گېزىت يېنىدا مەخسۇس مۇشتەرى توپلاش شتابى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەندە دەررۇ بۇنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە قازاقىستان بويىچە 70 تىن ئوشۇق شتاب شۆبىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكىتىمىزمۇ ئوڭ نەتىجە بەردى. يەنى بۇرۇنقى جانكۆيەرلىرىمىزنىڭ قاتارىغا يەنىمۇ كۆپ ئادەملەر قوشۇلۇپ، بىزنىڭ گېزىتىمىز تىراژى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى دەۋرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆرسەتكۈچكە، يەنى 16 مىڭ نۇسخىغا يەتتى. بۇ يىل بولسا يەنە شۇ جانكۆيەرلىرىمىزنىڭ كۈچى بىلەن گېزىتىمىز سانى 20 مىڭدىن ئاشتى.»

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ بۇ يىل چىققان تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان «يېڭى يىلنى 20 مىڭدىن ئوشۇق مۇشتەرى بىلەن باشلىدۇق» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنىڭدىن سەككىز يىل ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىگە رەھبەرلىك قىلغان مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف گېزىتىمىز ئارقىلىق سەپداشلىرىغا: «كېلەچەكتە ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› نىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزىمىز» دېگەن شوئار بىلەن مۇراجىئەت قىلغانىدى. باش يىگىت بېشىنىڭ بۇ مۇراجىئىتىنى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ جاي-جايلاردىكى شۆبىلىرى، يۇرت ئاتىلىرى بولغان مەدەنىيىتىمىز جانكۆيەرلىرى، خانىم-قىزلار، ياشلار بىر ئېغىزدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. شۇ بىر يىللىرى 11 مىڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئوقۇرمەنلىرىمىز سانىنى بىردىن 20 مىڭغا كۆتۈرۈش قىيىن گەپ ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، كۆپ ماڭدۇق، ئىزدەندۇق، ئۆگەندۇق. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، جەمئىيەتلىك ئىشلاردا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە گېزىتىمىز جانكۆيەرى، ‹تۇران دۇنياسى› جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف گېزىتىمىز يېنىدا مۇشتەرى توپلاش شتابىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.»

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆملۈكنىڭ، بىرلىكنىڭ نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى سەھىپىسىنى 20 مىڭدىن ئوشۇق مۇشتەرىلىرى بىلەن باشلىغان.

ئېرشات ئەسمەتوف مۇستەقىل قازاقىستاندا نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك گېزىتى ھېسابلانغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تارىخىنىڭ 1918-يىلى نەشر قىلىنغان «سادائىي تارانچى» گېزىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ گېزىتنى ئىلگىرىكى ئوخشىمىغان يىللاردا مەھەممەت ئەزىزوف، ئەخمەتجان مەمەتوف، ئابدۇللام مەشۈروف، تۇرداخۇن نەزەروف، يولداش ئەزەماتوف، مۇختەرجان جۇماروفقا ئوخشاش تالانتلىق ژۇرنالىستلارنىڭ، كۆرۈنەرلىك شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئېرشات ئەسمەتوف ئۆزىنىڭ بۇ گېزىتنى 2014-يىلدىن بۇيان باشقۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا گېزىتنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن يېڭىلاشقا، ئوقۇرمەنلەر سانىنى كۆپەيتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى..

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا مۇشتەرى توپلاشتا ئۇيغۇر ئېلىغا چېگراداش بولغان، ھازىر يەتتىسۇ ۋىلايىتى تەركىبىگە كىرىدىغان پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ يۇرت-جامائەت ۋە ئاكتىپلىرى ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىكەن.

يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، پانفىلوف ناھىيەلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» مۇشتەرىلىرىنى توپلاش شتابىنىڭ باشلىقى تۇرغانجان زايىتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىدىكى ئاكتىپلار ۋە يۇرت-جامائەت ھەر يىلقىدەك بىزنىڭ مىللىي مەتبۇئاتلىرىمىز  ‹ئۇيغۇر ئاۋازى›، ‹ئاسىيا بۈگۈن›، ‹ئىلى ۋادىسى› گېزىتلىرىگە مۇشتەرى توپلاشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇشتەرىلەر سانىنى 20 مىڭغا يەتكۈزۈش تەشەببۇسى ئاھالە ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىدى. شۇڭا ھەر بىر مەھەللىنىڭ يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلىرى بۇنىڭغا ۋاقتىنى، كۈچىنى ئايىمىدى. مۇشۇ گېزىتىمىزگە مۇشتەرى توپلاش مەۋسۇمى باشلانغاندىلا پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى ئازاد گايىتوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىغىنلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر بىر يىگىت بېشىنىڭ ئالدىغا ۋەزىپىلەر قويۇلدى. مەركەزنىڭ باشقارما ئەزالىرى ھەر بىر يېزىغا بېرىپ، خەلققە مۇراجىئەت قىلدى ۋە ئانا تىلىمىز، مىللىي مەتبۇئاتىمىز، مەدەنىيىتىمىز توغرىلىق تەشۋىقات ئىشلىرىنى توختىماي ئېلىپ باردى. شۇنىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ ناھىيەمىزدىكى مۇشتەرىلەر سانى بۇ يىلى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا يۈزدىن ئاشتى ۋە نەتىجىدە بىزنىڭ ناھىيە جۇمھۇرىيەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى. ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› مۇشتەرىلەر سانىنىڭ ئۆسۈشى پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ خۇشاللىقى دەپ ئويلايمەن.»

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ناھىيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئەنە شۇ ناھىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھەسەنوۋا خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان چېلەك رايونىدىكى ئەھۋال بىلەن تونۇشتۇق.

نۇرجامال ھەسەنوۋا بۇ تەۋەدىكى بارلىق يۇرتلاردا مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرىنىڭ ئالاھىدە جاۋابكارلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كۈز ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەنلا چېلەك تەۋەسى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شۆبە ئەزالىرىنىڭ باشچىلىقىدا، شۇنداقلا يۇرتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسلىرى، يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار رەئىسلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى بىلەن خەلقىمىز يىغىلغان توي-تۆكۈنلەردە، نەزىر-چىراغلاردا ئېلان رېتىدە گېزىتلىرىمىزگە مۇشتەرى بولۇشقا چاقىردى. خانىم-قىزلىرىمىز  ۋە يىگىت باشلىرى  بىلەن بىرلىكتە ئىچىۋاتقان چېيىنى قويۇپ، سوۋغاتلارغا قارىماستىن ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ، تومۇرىدا ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاققان، مىللىي غۇرۇرى ئۈستۈن خەلقىمىز ئارقىسىدا ھەر يىلدىكى مۇشتەرىلەر سانىغا قارىغاندا ئارتۇقى بىلەن يېزىپ چىقتى.»

نۇرجامال ھەسانوۋا ھەر ئۈچ گېزىتكە مۇشتەرى توپلاشنى بۇ قېتىم ئارتۇقى بىلەن ئورۇندىغانلىقىنى، ھامىيلارنىڭ بولسا گېزىتكە يېزىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ ئىنسانلارغا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە ياردەم قولىنى سوزغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ جەھەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ گېزىت ھەققىدىكى ئىلتىماس-تىلەكلىرىنى، مىننەتدارلىقىنى گېزىت رەھبەرلىكىگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاق شائىرى، تەرجىمان، قازاقىستان يازغۇچىلار ۋە ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقلىرىنىڭ ئەزاسى دەۋلېتبېك بايتۇرسىنۇلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› قازاقىستاندا چىقىۋاتقان ئاخبارات-مەتبۇئات بوشلۇقىدىكى بىردىنبىر ئوقۇرمەنى بار، ئورنى بار، ئابرۇيى بار گېزىت. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە 20 مىليون خەلق ئۆمۈر سۈرىدۇ. شۇنىڭ 300 مىڭغا يېقىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىللىرى. شۇ قانداش، تېگىمىز بىر تۈركىي ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلىرى بۇ يىل 20 مىڭدىن ئېشىپتۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ياخشى كۆرسەتكۈچ. بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئالەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا، تېلېفونغا كىرىپ كەتكەن پەيتتە قەغەزدىن ئوقۇيدىغان گېزىتنىڭ تىراژىنىڭ 20 مىڭغا يېتىشى چوڭ ئۇتۇق. بۇ گېزىتتە مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئۇيغۇر تىلىغا  تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. مەن ھەققىدە ماتېرىياللارمۇ بېرىلدى. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى مېنى مۇشۇ گېزىت ئارقىلىق تونۇدى. بۇ ئىككى خەلق – قازاق ۋە ئۇيغۇرنىڭ دوستلۇقىغا، ھەمكارلىقىغا، بىرلىكىگە، دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقان بىردىنبىر نەشر ئەپكارىدۇر. مەن گېزىتنى تىراژىنىڭ 20 مىڭدىن ئېشىشى بىلەن تەبرىكلەيمەن! قازاق-ئۇيغۇر تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بىرلىكى، ھەمكارلىقى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەھكەملەنسۇن!»

 مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستاندا يۇقىرىدا ئاتالغان نەشرلەردىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر تىلىدا «ئىجادكار»، «ئىنتىزار»، «غۇنچە» ژۇرناللىرى چىقىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەمىنلىسە؛ ئىككىنچى تەرەپتىن، بەزىدە ئاھالە ۋە ھامىيلارنىڭ ماددىي  قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىدىكەن. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇماتلار داۋاملىق ئېلان قىلىپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.