ئەنەس ۋە سىنان: «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر خەلق، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ قىزىلىمۇ ھەم كۆكىمۇ بىزنىڭ!»

0:00 / 0:00

ئالدىنقى قېتىملىق پىروگراممىمىزدا گېرمانىيەدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغان تۆت نەپەر تۈرك ياشنىڭ ساياھىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

پىروگراممىمىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە تۈرلۈك پىكىر-قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئىنكاسلاردا، گېرمانىيەدىكى بۇ تۈرك ياشلار «ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپىنى» بولۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى «نورمال» قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتىدۇ، دېگەندەك پىكىرلەر مەيدانغا چىققان.

گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ساياھىتىدە چۈشكەن سۈرىتى. 2024-يىلى ماي، تۇرپان.
گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ساياھىتىدە چۈشكەن سۈرىتى. 2024-يىلى ماي، تۇرپان. (Sinan Çoban)

ئەنەس كاپلى بىلەن سىنان چوباننىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇلارغىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر خىل شەكىلدىكى، ھەتتا ھاقارەت ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار كەلگەن ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەپىرىنى تاماملاپ، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدىكى رېگىستان مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تارىخىي ئىمارەتلەرنىڭ ئالدىدا لەپىلدەتكەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىنى ئىنىستىگرامدا تارقاتقان. بۇ ۋىدىيونىڭ ئاستىغىمۇ ھەر تۈرلۈك ئىنكاسلار چۈشكەن.

ئۇنداقتا، بۇ تۈرك ياشلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى سەپىرى راستتىنلا خىتاي تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق «تەشۋىقات ساياھىتى» مۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخىي شەھەر بۇخارادا، بولۇپمۇ بۇخارانىڭ ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان رېگىستان مەيدانىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر ئالدىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېچىپ لەپىلدىتىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ سوئاللارغا ئۇلارنىڭ ئۆز بايانلىرىدىن جاۋاب ئاڭلاپ باقايلى.

مەزكۇر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.