«ئۇيغۇر ئاياللىرى ھازىر نېمىشقا ياغلىق ئارتمايدۇ؟»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2024.12.16
uyghur-ayal-yaghliq-1920 «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىر ياغلىق ئارتمايدىغان بولۇشى» ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق رادىكاللىقنى تازىلىغانلىقىنىڭ زور ئۇتۇقلىرى» دىن بىرى دەل «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتمايدىغان بولغانلىقى» ھەققىدىكى ۋىدىيولار خىتايدىكى «دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋىدىيولاردا، بۇ خىلدىكى قىيىن خىزمەتلەرنى دۇنيادا پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بىر كىشىنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا مەلۇم دىننى تاللاشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ ئاسارەت ئىكەنلىكى، ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ئۆزى تاللىغاننىڭ ھەقىقىي ئېتىقاد بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

دوۋيىندىن باشلانغان «ئۇيغۇر ئاياللىرى ھازىر نېمىشقا ياغلىق ئارتمايدۇ؟» تېمىسىدىكى بۇ قىسقا ۋىدىيو X ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. شۇنىڭدەك، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىر ياغلىق ئارتمايدىغان بولۇشى» ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا بەزىلەر، يۇرتلىرىدا ئانىسى ۋە قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ئادەتتە دېھقانچىلىق قىلىش ۋە پاشىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ياغلىق ئارتىدىغانلىقى، شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بەزىلەر بولسا، بۇ ۋىدىيونىڭ ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى تەرىپلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن «ياغلىق ئارتىپ خىتايغا كەلگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان تېررورچى» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. يەنە بىرەيلەن بولسا «خىتاي ئوخشىمىغان ئېتىقادلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ھۆرمەت قىلالايدۇ. ئەمما ئۇ ئېتىقادنى ھۆكۈمەتكە تاجاۋۇز قىلىش ۋە خەلقنى ئالداشنىڭ قورالى سۈپىتىدە قوبۇل قىلالمايدۇ!» دېگەن. بىر ئىنكاس قايتۇرغۇچى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «سىز تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزدىلا سىياسىي چەكلىمىلەرگە ئۇچرىسىڭىز نېمە دەيسىز؟»

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى، دوكتور رەيچىل ھاررىس (Rachel Harris) خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى ھېكايىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشى ئۇيغۇر ئېلى توغرىسىدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ساختا ئۇچۇر ھەرىكىتىنىڭ روشەن مىسالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى.

«مېنىڭچە بىز بۇ رايون توغرىسىدىكى بۇ خىل بىر تەرەپلىمە دوكلاتلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى غەرب تاراتقۇلىرى ھازىر ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمايدۇ. ۋاھالەنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ھېكايىلەرنى ئىنگلىزچە شەكىلدە تارقىتىش ۋە ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار يولى ئارقىلىق ياخشى پايدىلىنالايدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ‹ئاياللارنى ياغلىق ئارتماسلىققا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاشقۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش› دېگەن ئىدىيەدە بىر چوڭ مەسىلە بار. چۈنكى بۇنى ئىسلامغا قارشى بولغان ئىرقچىلىق ۋە نادانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن. بىزگە ئايانكى، ئۇيغۇر رايونىدا مىڭلىغان ئاياللار پەقەت ئۆز ئېتىقادى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنغان، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.»

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، 2024-يىلى يىلى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللار ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» ناملىق دوكلاتىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:

 «بىز بۇ دوكلاتتا، دىنىي ئېتىقادى ياكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سانىنى تەپسىلىي تەكشۈردۇق. بۇ جەرياندا بىز بۇ ئەھۋالنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىشى توغرىسىدىكى ھېكايىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىز مەھەللە رايونلاردىكى باشلامچى بولغان، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىشەنچى ئارقىلىق زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن، ئەمما ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان، ھەتتا تۈرمىگە تاشلانغان ئاياللارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. شۇڭا، مېنىڭچە بۇ خىلدىكى ھېكايىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەقىقەتەن مۇھىم. چۈنكى ئۇلار پەقەتلا خاتا كۆز قاراشلارنى بازارغا سالىدۇ.»

خىتاي ئىچى ۋە تېشىدىكى ئىجتىمائىي مۇنبەرلەردە تارقىلىۋاتقان بۇ ۋىدىيودا يەنە، ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كۆرگىنىدەك قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك (ئابايا) كىيگەن ئاياللارنى زادىلا ئۇچراتمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ شىنجاڭدا دىنسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەت» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تويلىشىشنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھازىر ھېچ بولمىغاندا بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنسىزلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ قارىشىچە، باشقىلارغا زورلۇق بىلەن ياغلىق ئارتقۇزۇش ياكى باشقىلارغا زورلۇق بىلەن ياغلىق ئارتقۇزماسلىق ماھىيەتتە ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

 «بۇ ۋىلوگېرنىڭ قىممەت قارىشىدا، ياغلىق ئارتماسلىق—مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات دەپ قارالغان. ياغلىق ئارتقانلارنى ئاشقۇنلۇق، فېئوداللىق ۋە قالاقلىققا چېتىشلىق، دەپ قارىغان. ھەممە ئادەمنىڭ ياغلىق ئارتىش، قالپاق كىيىش، ئۆزى ياقتۇرىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە كىيىنىش ھوقۇقى بار. ھېچكىم ئەرەب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ چۆلدە ياشايدىغان مۇھىتتا ياغلىق ئارتىش ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدۇ. ئەمما بىز ئىرانغا ئوخشاش باشقىلاردىن باش كىيىمى كىيىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇستەبىت دۆلەتلەرنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بويىچە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى مەنئى قىلىشتۇر. شۇڭا بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقانلىرىمىز خىتاينىڭ تىپىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىشلار پەقەت خىتايغا ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك، چېكىدىن ئاشقان ئىرقچىلىق ۋە ناتسىستلارنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە بۇ پۈتكۈل خىتاي جەمئىيىتىنىڭ پاجىئەسىدۇر.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىدىيودىكى ۋىلوگېرنىڭ بۇ خىلدىكى قىيىن خىزمەتلەرنى پۈتۈن دۇنيادا پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېجىرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا گۇۋاھچى بولغانلىقىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئايالنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان كىشىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ، بۇنى بىر ماكرو ئۇسۇلدا ئىسپاتلىغانلىقىغا رەھمەت. دېمەكچىمەنكى، بۇ قىلمىشلارنى پەقەت خىتايدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكىلەر بۇنى قىلالمايدۇ، پەقەت ئىنسان بولمىغانلارلا قىلالايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئارقىلىق ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى قوللانغان ئاتالمىش بىر يۈرۈش قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلالايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. شۇڭا، ئۇلار دۇنيادىكى ھەممەيلەنگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتماقتا.»

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، ۋىدىيودا ۋىلوگېرنىڭ بىر كىشىنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا مەلۇم دىننى تاللاشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ ئاسارەت ئىكەنلىكى، ئەكسىچە كېيىن ئۆزى تاللىغاننىڭ ھەقىقىي ئېتىقاد بولىدىغانلىقىدەك بۇ قارىشى بىر تۈرلۈك سەپسەتە بولۇپ، تولىمۇ كۈلكىلىك ۋە بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ.

«بىز تۇغۇلغاندا ھېچقايسىمىزنىڭ تاللىشىمىز يوق. ئەگەر بىرەيلەن خىتاي مىللىتى بولۇپ تۇغۇلغان بولسا، ئۇلار چوقۇم خىتاي بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىسى ۋە بۇ مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەم مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما بەلكىم كەلگۈسىدە دىندىن خالىي مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردە ئۇلار لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش جەھەتتىن ئويۇن ئويناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلدۇم دەپ قارىشىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تاللىشىنىڭ بولمىغانلىقىنى بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتكەن.»

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتمايدىغان بولۇشى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دىنسىزلىشىشنى ئىسقا ئاشۇرغانلىقىدىن بەكمۇ ئېچىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

 «خىتاي ئۇ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق بىلەن باغلاپ كەلدى. يەنى ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى چېكىدىن ئاشقان تېررورلۇق ۋە رادىكال ئىسلامنى ئۇيغۇرلارغا قەستەن تاڭدى. ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە مۇسۇلمان دۇنياسىنى چۈشەنمەيدۇ. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رادىكاللىشىشىدىن بىزار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەپ ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

نۆۋەتتە چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي سۇپىلاردا تارقىتىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋىدىيو، سۈرەت ۋە يازمىلار داۋاملىق دىققەت تارتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.