كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تەقىبلەشلەردىن ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق ئازاب چەككەن

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، ھەر يىلى قازاقىستاندا 31-مايدا كوممۇنىستىك سوۋېت ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ تارىختا «ئاتۇ پاجىئەسى»، «ستالىن تەقىبلەشلىرى» دەپ نام ئالغان سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ يادىكارلىقلارنى ئورنىتىش، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش، فىلىم چۈشۈرۈش، ماقالە ئېلان قىلىش ئوخشاش ئىشلارنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە تارىخچى ئابلەخەت كامالوفنىڭ «قانلىق قىرغىنچىلىققا نېمە سەۋەب بولدى؟»، ژۇرنالىست شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ «سەرگاردانلىقتا ئۆتكەن 13 يىل» ناملىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.

ئىگىلىشىمىزچە، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى 1917-يىلى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم كوممۇنىستىك سوۋېت ھاكىمىيىتى ئېلىپ بارغان سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردا «ئاتۇ پاجىئەسى» دېگەن نام ئېلىپ، بۇ ۋەقە 1918-يىلنىڭ ماي ئېيىدا غۇلجا يولى بويىغا جايلاشقان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يۈز بەردى. مىتروفان مۇرايېف رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە ئەترىتى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى دېگەن باھانە بىلەن غۇلجا يولى بويىغا جايلاشقان بىر نەچچە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئاھالىسىنى ئوققا تۇتتى. سوۋېت دەۋرىدە بۇ پاجىئەنى خاتىرىلەش مەنئى قىلىنغان بولۇپ، پەقەت قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئەنە شۇ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن چوڭ ئاقسۇ، قورام، قاراتۇرۇق، تاشتىقارا، يېڭىشەر ئوخشاش يېزىلاردا يادىكارلىقلار ئورنىتىپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى.

تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخچى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئۆگىنىش ئاساسىدا «ئاتۇ» سوۋېت ھاكىمىيىتى ئېلىپ بارغان «قىزىل تېررور» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىكەن. ئەمدى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۈرگۈزۈلگەن ستالىن تەقىبلىرى قىزىل تېررورنىڭ چوققىسى بولغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابلەت كامالوف ۋېرنىيدا، يەنى ئالمۇتا ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كازاكلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى تىنچلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بالا-قازا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە جازالىغۇچى ئەترەتتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تاشلاپ كەتكەن بوش يېزىلاردا نېمە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بار بولۇپ، ھازىر بۇ ماتېرىياللار تەپسىلىي تەتقىق قىلىنماقتا.

ئابلەت كامالوف سوۋېت ھاكىمىيىتى ھەم ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن يەر مەسىلىسىنى پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسىلەن، كېڭەش ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرخىل دەرىجىدىكى دۈشمەنلىرىنى ئۆز لاگېرىغا توپلىغان ئادمىرال كولچاك قىزىل تېرروردىن زەرداب چەككەن يەتتىسۇنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىمۇ ئۆز تەرىپىگە تارتىشقا تىرىشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى رەھبىرى ستالىن دەۋرىدە سوتسىز ئېتىلغان، سۈرگۈن قىلىنغان، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا پالانغان دۆلەت، پارتىيە، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار، دېھقانلار، ھەربىيلەر ۋە باشقىلار مىليونلاپ سانىلىدۇ. ستالىن يۈرگۈزگەن تەقىبلەش سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار يەنىلا قاتتىق ئازاب چەككەن.

تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف، نۇر ئىسرايىلوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي قاتارلىق ئۇيغۇرنىڭ مىڭلىغان ئاتاقلىق شەخسلىرى شۇ سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىكەن. ئۇ ئەنە شۇ تەقىبلەنگەنلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭمۇ ئاتىسى ئابدۇقادىر قارىمنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.