ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن يېزىلغان بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىق قىزىل ھېكايىسى (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.10.14
Bingtuen-70-yil--wangjin-xitay-esker-1920 تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قوشۇنلىرى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كىيىن، 1954-يىلى 10-ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر قوشۇنلار ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسلىم بولغان قىسىملىرىدىن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىلغان.
Photo: RFA

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى» دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەنگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش» تىن ئىبارەت. ئەمما بىڭتۈەن كېيىنچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇنبەت زېمىن، بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى توختىماي ئىگىلەپ بارا-بارا كېڭەيگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۈەن 80-يىللاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى يەرلىككە قوشۇۋېتىلگەن يەر-زېمىنلار زورلۇق كۈچ بىلەن ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئېلىنغان، بىڭتۈەننىڭ تېررىتورىيەسى ۋە نوپۇسى تېز سۈرەتتە كۆپەيگەن.

ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت خەلقى بىلەن يەر، سۇ، مال-مۈلۈك، دەريا-ئېقىن، يايلاق، ئورمان تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرالاردا، بىڭتۈەنلىك خىتايلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن. خەلقئارادىكى بىڭتۈەن تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىمۇ، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۈتۈن مىللىي ئىختىلاپ، مىللىي توقۇنۇش، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش مەنبەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1990-يىلى بىڭتۈەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ زېمىنى ئىچىدە، «بىڭتۈەن» دەپ ئاتالغان يەنە بىر مەمۇرى ئۆلكە پەيدا بولغان. ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىڭتۈەن ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ خاراكتېرى خىتاي تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشى» گە ئايلاندۇرۇلغان.

1990-يىلى، خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەش قاتارلىق زۇلۇم سىياسىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا بولسۇن، 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇشتا بولسۇن، ياكى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلىشتا بولسۇن، بىڭتۈەن قوراللىق كۈچلىرى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن بىڭتۈەننىڭ بارلىق ئەدلىيە ئاپپاراتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشلىرىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قايتىدىن كېڭەيتىلگەن.

شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە بىڭتۈەننىڭ ئاساسلىق باستۇرۇش رولىنى ئوينىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى خىتاي جىنايەتچىلەر يۆتكىلىدىغان بىڭتۈەن تۈرمىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن توشقان، بىڭتۈەننىڭ مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا قانۇن، ئەدلىيە سىستېمىسى بار. بۇ، بىڭتۈەننىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇرلارنى جازالىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قاتناشقان «جىنايى تەشكىلات»

ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېنىدىي مەركىزى ئېلان قىلغان، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىدا 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىڭتۈەننىڭ ئوينىغان رولىغا دائىر يېڭى دەلىللەر ئاشكارىلانغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۈەن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىكى ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە يادرولۇق رول ئوينىغان. بىڭتۈەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى خىتاي كارخانىلىرىغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» گە ئايلاندۇرغان.

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى31-ئىيۇل كۈنى بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى سۈن جىنلوڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ ھازىرقى باش قوماندانى ۋە مۇئاۋىن پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى پېڭ جيارۈينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» ئارقىلىق جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى توغرۇلۇق دوكلاتلىرى بىلەن تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بىڭتۈەننىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقتا ئوينىغان رولى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يازمىچە ئىنكاسىدا بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» XPCC ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇلارنى لاگېر تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا كەڭ كۆلەملىك ساقچى كۈچىنى قوشقان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىڭتۈەن زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، بىڭتۈەن ئۇلارنى زور كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا».

خىتاينىڭ بىڭتۈەننىڭ 70 يىلىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشى نېمە سىگنال بېرىدۇ؟

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى-2018 يىلى 26-ئاپرېل ئېلان قىلغان «بىڭتۈەن: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېرىم ھەربىي مۇستەملىكىچى كۈچى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا، بىڭتۈەننىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ماكانسىز قېلىشى، مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى ئورگانلىرى، خىتاي ئارمىيەسى ۋە بىڭتۈەننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئورۇنلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېن كاردۇس (Ben Carrdus) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى مۇنداق خۇلاسە قىلدى:

 « ‹بىڭتۈەن› نىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىققا، يەرلىك خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز. پۈتۈنلەي خىتايلار نىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىڭتۈەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇنقەرز قىلىشتىكى ھەربىي كۈچى. بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۈەن ھەربىي جەھەتتە ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كېلىۋاتقان، ئىقتىساد، ئارمىيە ۋە دېھقانچىلىق بىرلەشكەن سىستېمىلاشقان بىر كۈچ. ئۇ ھاشار ئەمگىكىنى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىڭتۈەن دېھقانچىلىقتىن تارتىپ فابرىكىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشقىچە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ئاشلىق، پاختا دېگەندەك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازاردا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سودا زەنجىرىگە باغلىنىدۇ».

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ 70 يىللىقنى تەبرىكلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا قانداق بىر سىگنال بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كۈز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

 «بىڭتۈەن ھازىرمۇ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىپ تۇرۇش رولىنى داۋاملاشتۇرماقتا، خىتاينىڭ ئۇنى تەبرىكلىشى بۇ رايوندا خىتاينىڭ قاتتىق كونتروللۇقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى خىتاي، بىڭتۈەننىڭ نەتىجىلىرىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، ‹ھەر قايسىڭلار يەۋاتقان نەرسە ياكى ئىشلەتكەن پاختىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كېلىش-كەلمەسلىكى بىلەن كىمنىڭ كارى؟› دېمەكچى ھەمدە بىڭتۈەننى تارقىتىش خىيالى يوقلۇقىدىن سىگنالنى بەرمەكچى».

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشار ۋە قۇللۇق ئەمگەكلىرى بىلەن بەرپا قىلىنىۋاتقان بىڭتۈەن كاپىتالى

 بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بەرپا قىلىنغانلىقى يېقىنقى يىللاردا كۆپ تەرەپلەردىن ئاشكارىلانماقتا ھەم شۇ سەۋەبلىك غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، بىڭتۈەننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ يۇقىرىقىدەك كۈچلۈك تەنقىد ۋە ئېمبارگولىرىغا قارىماي، بىڭتۈەننى «70 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى. » دەپ مەدھىيە ئوقۇماقتا.

دوكتور ئادرىيان زېنز بولسا رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى مۇنداق خۇلاسە قىلغان :

«2014-يىلى شى جىنپىڭ بىڭتۈەننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ رايونغا بولغان كونتروللۇقىنى ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بىڭتۈەن ھەمىشە بۇ رولنى ئوينايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىنى داۋاملىق تەكىتلىشى ئۇنىڭ بىڭتۈەننى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

 خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلارغا كېڭىيىش پىلانىنىڭ ئۇ جايلاردا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەكسىچە ئۇيغۇرلار يەر-زېمىنلىرىدىن، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەلىرىدىن، ياشاش مۇھىتىدىن بارا-بارا ئايرىلىپ قالماقتا.

مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە 10 يىللىق ياشلىق باھارى خىتاي بىڭتۈەنىدە ئۆتكەن، ئامېرىكىلىق يازغۇچى تېرىسسا(خەنشۈ) خانىم ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىڭتۈەننىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى يەنىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

بىڭتۈەن 70يىل ئاۋۋال شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ بۇ رەزىللىكىنى داۋام قىلماقتا. ھېچقانداق ئۆزگەرمىدى. بىڭتۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىنلا ئەمەس، يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىشى كېرەك، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئېلىگە ئىگىدارلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېمىنى، ھاياتى ۋە ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىش ھەققى يوق. بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئەڭ زور ئادالەتسىزلىك. بۇلارنى بىزلا ئەمەس دۇنيامۇ تونۇپ يەتمەكتە. ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو يېقىندا ئېلان قىلغان كىتابىدىمۇ ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ باستۇرۇش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇچراۋاتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت ۋە كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.