ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرى ئاھالىلەرنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چارچاتماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.01.17
bayraq-chiqirish-uyghur قەشقەر شەھىرى پاختەكلە يېزىسى تۆۋەنكى قاقۇل كەنتىدىكى 200 دىن ئارتۇق كىشى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. 2014-يىلى 1-ئۆكتەبىر، قەشقەر
www.ts.cn

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «تىك-توك» قاتارلىقلاردىكى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرى كەڭ-كۆلەمدە ۋە ئىزچىل ھالدا داۋام قىلماقتا. 11 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ مۇراسىملارغا يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاھالىلەر، مەكتەپ بالىلىرى ۋە دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلماقتا. 2023-يىلى دېكابىردا «تىك-توك» تا تارقالغان بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، پەيزىۋاتنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا بايراق چىقىرىشقا قاتناشقان بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بايراق چىقىرىۋاتقان مەيداندا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن. شۇ يىقىلىشتىن كېيىن بەل قىسمىدا بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلىغان بۇ ئوقۇغۇچى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن پارالىچ بولۇپ قالغان. ئۇچۇردىكى تەپسىلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا مەكتەپمۇ، ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق كەنت ياكى يېزا رەھبەرلىرىمۇ مەسئۇل بولمىغان.

 نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقى ئوقۇغۇچىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا يىقىلىپ زەخىملىنىشى تاسادىپىي ياكى ئايرىم ۋەقە ئەمەس. ئەكسىچە، 2013-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە كېيىنچە شەھەرلەردىمۇ ئومۇملاشقان بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسىلەردىن ئىكەن. زۇمرەت داۋۇتنىڭ دېيىشىچە، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ قاتتىق سوغۇق ياكى قاتتىق ئىسسىقتا ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەتسىز ھالدا جايىدا تۇرۇشى، ئازراقمۇ ئىختىيارى ھەرىكەتكە يول قويۇلماسلىقى، بولۇپمۇ زېرىكىشلىك ۋە تەھدىت تۈسىدىكى شوئار، چاقىرىق، تەنبىھ ۋە تەنقىدلەر كىشىلەردە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر چارچاش پەيدا قىلىدىكەن.

 يەنە توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق، يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدىمۇ توختىمايۋاتقان بۇ مۇراسىمغا كەنت سېكرېتارلىرى رىياسەتچىلىك قىلسا، ساقچىلار نازارەتچىلىك قىلماقتا. ئاتۇشتىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، بايراق چىقىرىش ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت بەشتە باشلىنىدۇ؛ مۇراسىمدا بايراق چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا يىغىن ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىندا كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلاش، دۆلەت شېئىرى ئوقۇش قاتارلىق ئاھالىلەرنى ئەڭ زېرىكتۈرىدىغان ۋە بىزار قىلىدىغان مەشغۇلاتلار ئاساس قىلىنىدۇ. مەزكۇر سېكرېتار ئۆزىنىڭ ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىشقا ئاز دېگەندە مىڭ كىشىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

2018-يىلى يەكەن ناھىيەسىدە تۇرسۇن ئابلەت ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا دۆلەت شېئىرىنى يادلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن تىل-ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. توردىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ مۇراسىمغا پەقەت ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرلا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

 يەنە ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بەزى «ۋەزىپىدار» لار ئاھالىلەرنى بىكار قويماسلىق، يەنى «يامان ئوي-نىيەتلەر» دە بولۇپ مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ بولغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا مۇقىملىق ئەندىشىسىنىڭ تۈگىمەيۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى ئويغا سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.