ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس مۇسابىقىسىدە ئىككى ئۇيغۇر قىزى مىس مېدالغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبايدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭغا 2003- ۋە 2004-يىللىرى تۇغۇلغانلار ياشلار گۇرۇپپىسىغا، 2005- ۋە 2006-يىللىرى تۇغۇلغانلار ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، ئوغۇل ۋە قىزلار بولۇپ، جەمئىي 51 يېڭى چېمپىيوننىڭ چىقىشى مۆلچەرلەنگەن. شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستاندىن ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان.

boxing-dubai-2021-elenur-turghanova.jpg
ياش-ئۆسمۈرلەر ئاسىيا بوكس مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى ئەلانۇر تۇرغانوۋا. 2021-يىلى ئاۋغۇست. دۇبەي.

22-ئاۋغۇستتا «دېلوۋوي قازاقىستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «بوكس بويىچە ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنى قازاقىستانلىق قىز غالىبىيەت بىلەن باشلىدى» ناملىق ماقالىنىڭ بېشىدا ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ تاجىكىستانلىق رىقابەتچىسىنى يەڭگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. قىزلار ئارىسىدا ئۇ 46 كىلوگرام سالماقتا تاجىكىستان ۋەكىلى يوكۇبوۋانى تىز پۈكتۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر مۇسابىقىدە قازاقىستان ئومۇمەن 49 مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانى بويىچە بىرىنچى، ئۆزبېكىستان ئىككىنچى، ھىندىستان ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.

بىز دۇبايدا ئۆتكەن بوكس بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن مابەينىدە شۇ مۇسابىقىنىڭ شاھىتى بولغان، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. تاشگۈل ھېزىياروۋا ئەنە شۇ مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى غالىبىيىتى بىلەن ۋەتەنداشلىرىنى، سەپداشلىرىنى روھلاندۇرغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ مومىسىدۇر.

تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بوكس بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا 20گە يېقىن دۆلەتنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشقان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنى دۇبايدا ئىنتايىن ياخشى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆتتى، دېسەم خاتالاشمايمەن. چۈنكى مۇسابىقىگە ئەرەب ئەللىرى تۈگەل قاتناشتى. ياشلار ياخشى تەييارلىق قىلغان. ئاساسەن ھىندىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ياشلىرى كۈچلۈك چىقتى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمىز 19 ئالتۇن، 15 كۈمۈش ۋە 15 مىس مېدالغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەبىستاننىڭ بوكس بويىچە بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى قازاقىستان تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى».

تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق بوكسچىلارنىڭ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىشىگە بولۇپمۇ تونۇلغان ترېنېرلار ئېلدوس سايدالىن، قايرات سېيىتجان، ئاركادىي تاپايېف، شۇنىڭدەك ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دىنامو» چېنىقىش-تەنھەرىكەت جەمئىيىتىنىڭ ترېنېرى رەھىم سادىقوفلار چوڭ كۈچ چىقارغانىكەن. 30-ئاۋغۇستتا مۇسابىقە نەتىجىلىرى چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ غالىپلىرى مېداللار ۋە ماددىي سوغىلار بىلەن تەقدىرلەنگەنىكەن.

ئۇ مەزكۇر مۇسابىقىگە كۆپىنچە مەخسۇس بوكس كۇلۇبلىرىدا تەربىيەلىنىپ چىققان ياشلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ تەنھەرىكەت مەكتەپلىرىدىن كەلگەن. شۇلار ئىچىدە قورام مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلەنۇر تۇرغانوۋامۇ قاتناشتى. ئۇ 15 ياشتا. ئەڭ كىچىكى ئەلەنۇر بولدى. ياش-ئۆسمۈر قىزلارنىڭ كارۋان بېشىنى ئەلەنۇر باشلاپ چىقتى. ئەلەنۇر تاجىكىستاننىڭ قىزىنى يەڭگەندىن كېيىن بىزنىڭ قىزلار كەينى-كەينىدىن يېڭىشكە باشلىدى. ئەلەنۇرنىڭ مەكتەپتە ترېنېرى سەمەت ئەخمېتوفنىڭ قولىدا تەييارلىنىپ، شۇ يەردىن شۇنچىلىك چوڭ دەرىجىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئۆزى چوڭ ئۇتۇق بولدى».

خۇلاسە سۆزىدە تاشگۈل ھېزىياروۋا ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى پۈتكۈل ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى، ھەتتا بەزى مىللەتپەرۋەر شەخسلەرنىڭ ماددىي جەھەتتىن ياردەم كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەلەنۇرنىڭ دۇبايدىكى ئۇتۇقىنىڭ كۆپچىلىكنى قاتتىق خۇشال قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ھەم بارلىق قوللىغۇچىلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋانىڭ ترېنېرى سەمەت ئەخمېتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى. «چوڭ ئاسىيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدال ئالدى دېگەن بۇ مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ نەتىجە. ئەلەنۇر ئۈچۈنمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن، سەۋەبى ئۇ تېخى كىچىك. بۇ ئۇتۇق ئۇنىڭ ماڭلاي تەرى بىلەن كەلدى، چۈنكى ئۇ توختىماي مەشىقلەندى، تەييارلىق قىلدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ياردەم بەردى، قوللىدى. كېلەچەكتىمۇ ئېرىنمەي ئەمگەك قىلىپ، تىرىشىدىغان بولسا، پارىژدا بولىدىغان ئولىمپىك ئويۇنلىرىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ، دەپ ئويلايمىز. مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىچىدە مۇنداق ئۇتۇققا يېتىشكەن ئەنە شۇ بىرلا ئەلەنۇر. قازاقىستان بويىچە چېمپىيون بولغان بالىلىرىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاسىيا مۇسابىقىسى ئوخشاش چوڭ مۇسابىقىلەرگە ئۆتەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلەنۇردىن ئۈمىد قىلىۋاتىمىز».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «دىنامو» چېنىقىش-تەنھەرىكەت جەمئىيىتىنىڭ ترېنېرى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى رەھىم سادىقوف مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇلارغا چوڭ ئۈمىدلەر ئارتىلىۋاتىدۇ، يەنى پارىجدا بولىدىغان ياشلار ئارىسىدىكى ئولىمپىك ئويۇنلىرىدا بوكس بويىچە قاتنىشىدىغان بالىلارنىڭ تىزىمى قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ. بىز كەم دېگەندە ئىككى-ئۈچ بالىنى تاللايمىز. شۇنداقلا بىز دۇبايدىكى مۇسابىقىگە ئاكتىپ قاتناشقان قىزلىرىمىزدىنمۇ ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا تاللايمىز، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تەييارلاش ئىشلىرىغا چوڭ دىققەت بۆلۈشىمىز لازىم. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ كۆپ تىرىشىشى كېرەك. دۇبايدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى ئۇيغۇر قىزى، يەنى ئەلەنۇر تۇرغانوۋا ۋە شاخناز ئىسايېۋا مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ ياخشى كۆرسەتكۈچ، دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئەلەنۇر تۇرغانوۋا مۇشۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سېربىيەدە ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قىزلاردىن قاتناشقان بىردىن-بىر قازاقىستانلىق ئىكەن. ئۇ مەزكۇر مۇسابىقىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، قازاقىستانلىق بوكس ماھىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. ئۇ يېقىندا بوكس بويىچە تەنھەرىكەتنىڭ كاندىدات ماھىرى دەرىجىسىگە ئېرىشكەن. ئەلەنۇر تۇرغانوۋا قورام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ ئەلاچىلىرىنىڭ بىرى، يۇرتىنىڭ پەخرى.

دۇبايدا ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىگە يەنە بىر ئۇيغۇر قىزى شاخناز ئىسايېۋا قاتنىشىپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا ئېرىشكەن. قازاقىستاننىڭ ئىككى مەرتەم چېمپىيونى شاخناز ئىسايېۋا سەككىز يېشىدىن تارتىپ بوكس بىلەن شۇغۇللانماقتىكەن. ئۇ بوكس بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى كۆپ بولۇپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا رانو پارخاتوۋا، ئادىلەم ھوشۇروۋا، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا، ئامىنەم مەشۈروۋاغا ئوخشاش تەنھەرىكەتچىلەردىن چوڭ ئۈمىدلەر كۈتۈلمەكتە.