ئامېرىكىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ھېزىم ئىزباقى يەنە نەتىجە قازاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ھېزىم ئىزباقى.
ئامېرىكىدا ئۆز خىراجىتى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ھېزىم ئىزباقى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، كۆپلىگەن قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى، شۇ جۈملىدىن بوكس بويىچە چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.

يېقىندا بىز قازاقىستاننىڭ «پروسپورت» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىق ئېغىر دەرىجىدىكى بوكسچى بىرىنچى مەيداندا رىقابەتچىسىنى يەڭدى» ناملىق ماقالىدىن قازاقىستانلىق بوكسچى ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم غالىبىيەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. 24 ياشلىق ھېزىم ئىزباقى ئامېرىكانىڭ مىچېگان شتاتىدىكى فلىنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە ئامېرىكىلىق تروي ئولبرىڭ بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىرىنچى مەيداندىلا غەلىبە قىلغان.

مۇشۇ يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇر يىگىتى ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئوكلاخوما شتاتىنىڭ بروكېن ئارراۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېغىر دەرىجىدىكى بوكسچىلار مۇسابىقىسىدە ئامېرىكالىق بوكس ماھىرى ئارمونت سامېرسنى يېڭىپ، چېمپىيون بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغانىدى. 

بىز قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدىن كېلىپ چىققان، ھازىر ئامېرىكىدا داۋاملىق مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ھېزىم ئىزباقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: 

«راستىنى ئېيتسام، بۇ مۇسابىقىگە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت بولدى. سەۋەبى ئالمۇتادا مۇشۇ يەكمۇ-يەك مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ترېنېرلىرىم باخىت ئورازبايېف بىلەن ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ رەھبەرلىكىدە مەشىق قىلدىم. مۇسابىقىگە ئون كۈن قالغاندا ئامېرىكىغا ئۇچتۇم. بۇ يەردە بۇرۇنقى ترېنېرىم بىلەن مەشىق قىلدىم. 2-ئۆكتەبىر كۈنى فلىنت شەھىرىگە باردۇق. شۇ يەرنىڭ بالىسى تروي بىلەن مۇسابىقىلەشتىم. ئالتە مەيدانلىق سوقۇش بولۇش كېرەك ئىدى، بىراق مەن ئۇنى بىرىنچى ر يېڭىۋالدىم. شۇ مۇسابىقىگە مېنى تەييارلىغان باخىت ئورازبايېف، ھېمىت توختاخۇنوف، شاۋكەت ئىزباقىغا مەن رەھمەت ئېيتىمەن.»

ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ مۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشىگە تۇنجى ترېنېرى مالىك خايرۇللىن ۋە «فرېئې سپارىڭ» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى، چامباشچىلىق ۋە بوكس بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى ھېمىت توختاخۇنوفمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ھېزىم ئىزباقى 1994-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنى تاماملىغان ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش ۋە باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلار قازانغان. 

ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاكىسى رېنات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىلى دېكابىر ئېيىدا يەنە بىر يەكمۇ-يەك پىلانلىنىۋاتىدۇ. ئۇ ئېغىر دەرىجىدىكى تۆتىنچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېشى بويىچىمۇ ئەڭ ياش. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىرىنچى شۇ. ئۇنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەممىسى بىلىدۇ. ھېزىممۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە بوكسچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ، گولوفكىن، قانات ئىسلامغا ئوخشاش قازاقىستاننىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

بىز ھېزىم ئىزباقىنىڭ ترېنېرى ھېمىت توختاخۇنوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بوكس بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى كومپانىيەلەر بىلەن كېلىشىملەر بار. بوكسچىلارنى دەرىجىسى بويىچە ئىلغاپ ئېلىۋاتىمىز. ھېزىمدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، تۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزى تەمىنلەۋاتىدۇ. بىزمۇ قولدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئېغىر دەرىجىلىك ماھىرلاردىن بىزدە دياچكو ۋە باشقىلار بار. ئۇيغۇر ياشلىرىدىن چىقىۋاتقان يالغۇز ھېزىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، ھېزىم ئىزباقى ھازىر ئۆز چىقىملىرى بىلەن ئامېرىكىدا داۋاملىق تۇرۇپ، بوكس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشمىگەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكادىكى شىركەت ئۇنىڭ بىر قىسىم چىقىملىرىنى كۆتۈرسىمۇ، ئەمما تۇرمۇش ۋە ياتاق چىقىملىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. 

ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھېزىم ئىزباقى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئىسمى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەڭ دائىرىدە تارالماقتىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ھېزىم ئىزباقى قازاقىستاننىڭ مەشھۇر شەخسلىرى كىتابىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېزىم ئىزباقىنىڭ بىر قاتار مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى ئاتالغان تەنھەرىكەت ماھىرى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

تولۇق بەت